تۈركىيە گىرېتسىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە گىرېتسىيەگە «ئىشغال قىلىش تەشەببۇسى ۋە تۆلەم تۆلىگەنلىكى» نى خاتىرىلەتتى...

1166565
تۈركىيە گىرېتسىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاقسوي، گىرېتسىيەنىڭ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ مەھەللىي سايلاملار دائىرىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىزمىردىكى يىغىلىشتا قىلغان سۆزلىرى توغرىسىدىكى باياناتى ھەققىدە توختىلىپ، «گىرېتسىيەنىڭ (1919 – يىلى) ئانادولۇنى ئىشغال قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقى ۋە ئارمىيەسىنىڭ ئانادولۇغا يەتكۈزگەن بۇزغۇنچىلىق ۋە زىيانكەشلىكى تۈپەيلى تۈركىيەگە تۆلەم تۆلىگىنىدەك تارىخىي ھەقىقەتلەرنى ئەسلىمەستىنلا ئېلان قىلىنغان بۇ بايانات تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىقتۇر» دېدى.

ھامى ئاقسوي گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتى توغرىسىدىكى سوئالغا يازما ھالەتتە جاۋاب قايتۇردى.

ئۇ، گىرېتسىيەنىڭ، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ئىزمىردىكى سايلام يىغىلىشى ئەسناسىدا قىلغان سۆزلىرىگە قارىتا ئېلان قىلغان باياناتىنىڭ چۈشىنىلمىگەنلىكىنى، مەزمۇن ۋە ۋاقىت جەھەتتىن ياتسىراش پەيدا قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «گىرېتسىيەنىڭ (1919 – يىلى) ئانادولۇنى ئىشغال قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقى ۋە ئارمىيەسىنىڭ ئانادولۇغا يەتكۈزگەن بۇزغۇنچىلىق ۋە زىيانكەشلىكى تۈپەيلى تۈركىيەگە تۆلەم تۆلىگىنىدەك تارىخىي ھەقىقەتلەرنى ئەسلىمەستىنلا ئېلان قىلىنغان بۇ بايانات تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق بولۇپ، بىزنىڭ بۇ دۆلەت بىلەن يارىتىشقا تىرىشىۋاتقان ئىشەنچ مۇھىتىغا ۋە ياخشى قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىمىزگە قىلچىمۇ ياراشمايدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يەكشەنبە كۈنى ئىزمىردىكى سايلام يىغىلىشىدا، ئانادولۇنىڭ گىرېتسىيەنىڭ ئىشغال قىلىش تەشەببۇسىدىن قۇتۇلۇش جەريانىنى تەكىتلىگەن، گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ سۆزلەرگە قارىتا بايانات ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر