تۈركىيە ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرىغا جاۋاب قايتۇردى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھەققىدە قىلغان سۆزلىرىگە جاۋاب قايتۇردى.

1162682
تۈركىيە ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرىغا جاۋاب قايتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالتۇن ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 2019 – يىلى 29  - يانۋار كۈنى شىۋېيتسارىيەنىڭ داۋوس شەھىرىدە چاقىرىلغان «دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى» يىغىنىدا، شۇ ۋاقتتىكى ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى شىمون پېرېسنى تەنقىد قىلغان كۆرۈنۈشلىرىنى ھەمبەھىرلەشتى، ھەمدە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھەققىدە پەلىپەتىش گەپلەرنى  قىلغان ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇغا، ئېينىشتېيىننىڭ، «ئوخشاش بىر ئىشنى قايتا – قايتا تەكرارلاپ، ئوخشىمىغان نەتىجىلەرگە ئېرىشىشنى كۈتۈش ساراڭلىقتۇر» تەرىقىسىدىكى سۆزلىرى ئارقىلىق جاۋاب قايتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر