سۈرىيەدىكى مەھبۇس ئاياللارنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئەنقەرەدە يۈرۈش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە مەمۇرلار ئويۇشمىلىرى كونفېدېراتسىيەسى «Memur Sen» سۈرىيەدە ئىنسانىيەتكە خىلاپ مۇئامىلىگە ئۇچراۋاتقان ئاياللارنىڭ ساداسى بولدى.

1160035
سۈرىيەدىكى مەھبۇس ئاياللارنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئەنقەرەدە يۈرۈش ئۆتكۈزۈلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە مەمۇرلار ئويۇشمىلىرى كونفېدېراتسىيەسى ئەزالىرى سۈرىيە تۈرمىلىرىدە تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ئاياللار ۋە كىچىك بالىلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن پايتەخت ئەنقەرەدە يۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

تۈركىيە مەمۇرلار ئويۇشمىلىرى كونفېدېراتسىيەسى باشلىقى ئەلى يالچىن سۆزلىگەن نۇتىقىدا، «سۈرىيەدە ئاياللار ئىنسانىيەتكە خىلاپ مۇئامىلىلەرگە ئۇچرىتىلماقتا. ئاياللار تۈرمىلەرنىڭ ئىچىدە تۇغماقتا. پەرزەنتلىرىنى تۈرمىلەردە چوڭ قىلىشقا مەجبۇر بولماقتا. ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ بۇ مەنزىرىنى ئۆزگەرتىش مەسئۇلىيىتى بار» دېدى.

ئەلى يالچىن يەنە مۇنداق دېدى:

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى چاقىرىق قىلىمىز. سىلەر بۈگۈن يىغىلىپ، سۈرىيەدىكى بۇ پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ شەرىپى ئاياق ئاستى قىلىنىشىغا قارشى تۇرمىساڭلار، سادا ياڭراتمىساڭلار، زادى قاچان ئوتتۇرىغا چىقىسىلەر؟! ئۇ يەردە ئاياللار تۇتۇلۇپ، ئىپلاس ئۇرۇشنىڭ پاسكىنا سودا بويۇمى سۈپىتىدە ئىشلىتىلمەكتە. قارىساق، ھەرىكەتكە ئۆتكۈدەك دۆلەت يوق. ئۇنداقتا ۋىجدانلار ھەرىكەتكە ئۆتۈشى لازىم»

ئەلى يالچىن ئىستانبۇلدا 55 دۆلەتتىن كەلگەن ئاممىۋىي تەشكىلاتلار ۋە پائالىيەتچىلەر بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ، بۇ ھەقىتىكى چاقىرىقلىرىنى پۈتۈن دۇنياغا كېڭەيتىشكە تىرىشقانلىقىنى ئېيتتى.

ئەلى يالچىن باششار ئەسەد قىسىملىرىدىن تۈرمىلەردىكى 7 مىڭدىن ئارتۇق ئايال مەھبۇسنى قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر