تۈركىيە ھەربىي پاراخوتلىرى بۇلغارىيەگە يېتىپ باردى

تۈركىيە ئارمىيەسى كەمال رەئىس ئۇرۇش پاراخوتى بىلەن تۈركىيە ئارمىيەسى ئىنۆنۈ دېڭىز ئاستى پاراخوتى ئەگە، قارا دېڭىز ۋە شەرقىي ئاقدېڭىزدا ئۆتكۈزۈلىۋاتقان «2019- يىللىق كۆك ۋەتەن ھەربىي تاكتېكا مانىۋىرى» دائىرىسىدە بۇلغارىيەنىڭ ۋارنا پورتىغا لەڭگەر تاشلىدى.

1158911
تۈركىيە ھەربىي پاراخوتلىرى بۇلغارىيەگە يېتىپ باردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ سوفىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «2019- يىللىق كۆك ۋەتەن ھەربىي تاكتېكا مانىۋىرى» نىڭ 27فېۋرالدىن 8 - مارتقىچە بولغان ئارىلقتا دېڭىز ئارمىيە باش ئاشتابى تەرىپىدىن ئەگە، قارا دېڭىز ۋە شەرقىي ئاقدېڭىزدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا مانىۋىرغا قاتناشقان قىسىملارنىڭ ئەگە، قارا دېڭىز ۋە شەرقىي ئاقدېڭىزدا 33 قېتىم دۆلەت ئىچى ۋە 7 قېتىم دۆلەت سىرتى پورتلاردا بولۇپ، جەمئىي 40 قېتىم زىيارەت ئېلىپ بارغانلىقى ۋە بۇ دائىرىدە تۈركىيە ئارمىيەسى كەمال رەئىس ئۇرۇش پاراخوتى بىلەن تۈركىيە ئارمىيەسى ئىنۆنۈ دېڭىز ئاستى پاراخوتىنىڭ ۋارنا پورتىنى زىيارەت قىلغانلىقى قەيت قىلىندى. 

باياناتتا يەنە، پورت زىيارىتىدىن كېيىن تۈركىيە ئارمىيەسى كەمال رەئىس ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ بۇلغارىيە ئارمىيەسى بىلەن ئۆتۈش مەشقى قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بۇلغارىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيەسى « BNT » دىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تۈركىيە ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ قارا دېڭىزىڭ بۇلغارىيە تەۋلىكىدە بولغارىيە دېڭىز ئارمىيەسىگە تەۋە بودرى دېڭىز  ئارمىيە قىسىملىرى بىلەن بىرىلكتە ئېلىپ بارىدىغان خىزمەتلىرى ئارقىلىق شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدا ئىتتىپاقداش ئىككى دۆلەت ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى ماسلىشىشچانلىقنىڭ يۇقۇرى كۆتىرىلىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

«2019- يىللىق كۆك ۋەتەن ھەربىي تاكتېكا مانىۋىرى» 2019يىلى ئاخىرىلىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر