جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان «خەلقئارا خانىم - قىزلار بايرىمى» نى تەبرىكلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «8 – مارت خەلقئارا خانىم - قىزلار بايرىمى» كۈنىنى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان  قىلدى.

1159106
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان «خەلقئارا خانىم - قىزلار بايرىمى» نى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان باياناتىدا، پۈتكۈل دۇنيادا ئاياللارنىڭ زوراۋانلىققا ۋە بېسىمغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىز، ئاياللارنىڭ ئايال بولغانلىقى ئۈچۈنلا سۇيىئىستېمال قىلىنىشقا دۇچ كېلىشىگە داۋاملىق قارشى چىقىپ كېلىۋاتىمىز، ئۇلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشىدە ھەمىشە ئۇلار بىلەن بىللىمىز.»

پۈتكۈل ساھەلەردە ئاياللارنىڭ سالاھىيىتىنى ھەق ۋە ئادالەت ئاساسىدا يۈكسەلدۈرۈش مەقسىتىدە خىزمەت ئىشلەۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلغان ئەردوغان، 2023 – يىللىق ئىستىراتېگىيەلىك نىشانلىرى دائىرىسىدە ئاياللارنىڭ كىشىلىك ئورنىنى ھەر جەھەتتىن يۈكسەلدۈرۈش ئىرادىلىرىنىڭ قەتئىيلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «ناھەقچىلىك، ئادالەتسىزلىك ۋە ئايرىملىق ئالدىدا ھەمىشە ئاياللارنىڭ يېنىدىن ئورۇن ئېلىش، ھەر بىر كىشىنىڭ مۇقەددەس بۇرچىدۇر.  مېھنەتلىرى، ئەمگەكلىرى، سۆيگۈ بىلەن تولۇپ تاشقان پاك يۈرەكلىرى  بىلەن دۇنيامىزنىڭ ھۆسىنىگە ھۆسن قوشۇۋاتقان،  دۇنيامىزنى ياشىغىلى بولىدىغان ھالغا كەلتۈرۈۋاتقان، ئىنسانىيەتكە ئۈمىد چىرىغى ياندۇرۇۋاتقان خانىم - قىزلىرىمىزنىڭ <8 – مارت خەلقئارا خانىم - قىزلار بايرىمى> كۈنىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر