ھۇلۇسى ئاكار بىلەن ئامېرىكانىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى جېيمىس جېففرېي كۆرۈشتى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار بىلەن ئامېرىكانىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى جېيمىس جېففرېي سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئۈستىدە كۆرۈشتى.

1157647
ھۇلۇسى ئاكار بىلەن ئامېرىكانىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى جېيمىس جېففرېي كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار، پايتەخت ئەنقەرەدە ئۇچرىشىشلار ئېلىپ بېرىۋاتقان ئامېرىكانىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى جېيمىس جېففرېينى قوبۇل قىلدى.

ئاكار بىلەن جېيمىس جېففرېي كۆرۈشكەندە، مۇنبىچ رايونى ۋە فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئۈستىدە كېڭەش ئۆتكۈزدى.

كۆرۈشۈشتە مىنىستىر ھۇلۇسى ئاكار تۈركىيە دائىرىلىرىنىڭ ئامېرىكا بىلەن تۈزۈلگەن مۇنبىچ يول خەرىتىسىنڭ تېز سۈرئەتتە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى، سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىگە بولغان سەزگۈرلىكىنى،  فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىدە بەرپا قىلىنىدىغان بىخەتەر رايوندا پ ك ك –ي پ گ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ بولماسلىقىنى ۋە بۇ رايوننىڭ ئامانلىقىنى تۈركىيەنىڭ ساقلىشى لازىملىقىنى ئەسكەرتتى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ قېتىمقى كۆرۈشۈش توغرۇلۇق ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «تۈركىيەنىڭ چېگرا ۋە تۈرك خەلقىنىڭ بىخەتەرلىكىنىڭ تولىمۇ ئىكەنلىكى، تۈركىيەنىڭ ئاساسلىق مەقسىتىنىڭ دائېش ۋە پ ك ك –ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا زەربە بېرىش ئىكەنلىكى، تۈركىيەنىڭ كۈرت، ئەرەب  ۋە باشقا ئېتنىك-دىنى توپلۇقلار بىلەن ھېچقانداق مەسىلىسىنىڭ يوقلىقى، تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ھەمكارلاشسا ئورتاق مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلالايدىغانلىقى قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.»

ئامېرىكانىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى جېيمىس جېففرېي پايتەخت ئەنقەرەگە ئۈلۈشكەن كەچتە كەلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر