چاۋۇشئوغلۇ: دۇنيا تۈزۈمىنىڭ ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا قۇربى يەتمەيۋاتىدۇ

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، دۇنيا تۈزۈمىنىڭ ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا قۇربىنىڭ يەتمەيۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

1158248
چاۋۇشئوغلۇ: دۇنيا تۈزۈمىنىڭ ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا قۇربى يەتمەيۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بالىكەسىردىكى باندىرما ئون يەتتىنچى سېنتەبىر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغۇچىلار بىلەن كۆرۈشكەن چاۋۇشئوغلۇ، تاشقى سىياسەت توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى ئورتاقلاشتى.

تاشقى سىياسەتتە ئادىل ۋە پىنسىپ بويىچە ھەرىكەت قىلىنمىغان تەقدىردە، تەشەببۇسكارلىقنىڭ ئېغىزدىلا قالىدىغانلىقىنى، سۆزلەرنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتىنىڭ بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن چاۋۇشئوغلۇ، بۈگۈن دۇنيا تۈزۈمىنىڭ  ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا مۇۋەپپەق بولالمىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

چاۋۇشئوغلۇ، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ياۋروپا كېڭىشى ۋە باشقىلار... بۈگۈن مەن تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ئۇتۇققا ئېرىشتىمۇ؟ ئالدىنى ئالغۇچى سىياسەتلىرى بارمۇ؟ توقۇنۇشلارنى توختىتالامدۇ؟ ئۈمىدلەرگە جاۋاب بېرەلەمدۇ؟ قارار چىقىرىش مېخانىزملىرى يېتەرلىكمۇ؟ يەنى قىسقىسى بۈگۈنكى دۇنياۋى تۈزۈم يېتەرسىز، شۇنداق ئەمەسمۇ؟» دېدى.

ياۋروپانى ۋە ب د ت ، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئوخشاش ئورگانلارنىڭ قۇرۇلۇشىدىن كېيىن ياۋروپانى بىرلەشتۈرگەن قىممەت – قاراشلارنى ۋەيران قىلىپ تاشلىغان، يىلتىزىدىن داۋالغۇتىۋەتكەن سەلبىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقى تىلغا ئالغان مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ، «چەتكە قېقىش، ئىرقچىلىق، ئىسلام دۈشەنلىكى، ئۆزىدىن باشقا بارلىق كىشىلەرنى يامان كۆرۈش، كۆچمەن دۈشمەنلىكى دېگەندەك ئىنسانلىق ۋە ئېتىقادىمىز مەنئى قىلغان نېمىلا بولسا بۇلارنى كۆرۈۋاتىمىز ۋە بۇلار بىزگە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرىكى ياۋروپانى ۋە دۇنيانى ئەسلىتىشكە باشلىدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

سۆزى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سوئاللىرىغىمۇ جاۋاب بەرگەن چاۋۇشئوغلۇ، ئارقىدىن ئۇنىۋېرسىتېتتىكى بەزى ئورۇنلارنى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈش مۇراسىملىرىغا قاتناشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر