تۈركىيە سومالىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۈگۈن (1-مارت) سومالى پايتەختى مۇقدىشۇدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.

1155335
تۈركىيە سومالىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى سومالى پايتەختى مۇقدىشۇدا يۈز بەرگەن تېرررولۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا، مۇقدىشۇدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا نۇرغۇن كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە يارىلانغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەردىن ئىنتايىن قايغۇرۇلغانلىقى قەيت قىلىندى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«بۇ قانلىق ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز، ھۇجۇمدا جېنىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەش بىلەن بىرگە، دوست ۋە قېرىنداش سومالى ھۆكۈمىتى بىلەن سومالى خەلقىگە سەۋر تىلەيمىز» دېيىلدى.

سومالى پايتەختى مۇقسىشۇدىكى بىر مېھمانسارايغا ئاپتوموبىل بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىشى ۋە ساقچىلار بىلەن تېررورىستلار ئارىسىدا ئېتىشىش چىقىشى نەتىجىسىدە 29 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. سومالى ساقچى دائىرىلىرى بۇ قېتىمقى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ئەڭ ئاز دېگەندە 40 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر