تۈركىيە ياۋروپانىڭ پ ك ك تەرەپدارلىرىغا تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيەسىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە، ياۋروپانىڭ ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلىرىنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ تېررورىزمنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىش ماھىيىتىدىكى پائالىيەتلىرىگە رۇخسەت قىلىشىنى ئەيىبلىدى.

1153617
تۈركىيە ياۋروپانىڭ پ ك ك تەرەپدارلىرىغا تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيەسىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، پ ك ك ئۇنسۇرلىرىنىڭ ياۋروپانىڭ ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلىرىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى كاتتىبېشىنىڭ رەسىملىرىنى كۆتۈرگەن ھالدا ئۆتكۈزگەن نامايىشلىرى توغرىسىدا بايانات بەردى.

ياۋروپادىكى ئالاقىدار دۆلەتلەرگە بۇنىڭدىن بۇرۇن تېگىشلىك ئاگاھلاندۇرۇشنىڭ بېرىلگەنلىكى ۋە نامايىشلارنىڭ زوراۋانلىق پەيدا قىلىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنىڭ ئەسكەرتىلگەنلىكى قەيت قىلىنغان باياناتتا، «ئەڭ ئاخىرقى قېتىم پ ك ك تەرەپدارلىرىنىڭ 2019 – يىلى 25 – فېۋرالدا فىرانسىيەنىڭ ئىستراسبۇرگ شەھىرىدىكى ياۋروپا كېڭىشى ئاگورا بىناسى ئالدىدا ئۆتكۈزگەن زوراۋانلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرىكىتى، پ ك ك نىڭ ھەقىقىي يۈزىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسىتىپ بەردى» دېيىلدى.

تېررورىزم تەشۋىقاتى ماھىيىتىدىكى بۇ خىل قىلمىشلارغا رۇخسەت قىلىنىشىنىڭ ئەيىبلەنگەنلىكى تەكىتلەنگەن باياناتتا، «ياۋروپادا بەزى تەرەپلەرنىڭ ۋە تاراتقۇلارنىڭ پ ك ك نىڭ قىلمىشلىرىغا ھازىرمۇ <كورد پائالىيەتچىلەر>  ئېلىپ بارغان پائالىيەتلەر دەپ قارىشى ئەپسۇسلىنارلىق بىر ئىشتۇر. بۇ ئەھۋال قوش ئۆلچەم بېرىپ يەتكەن نۇقتىنى روشەن نامايان قىلىپ بەرمەكتە» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر