«‹كۆك ۋەتەن› ھەربىي مانىۋېرى» باشلاندى

تۈركىيە دېڭىز ئارمىيەسى قوماندانلىق ئشىتابى تەرىپىدىن جۇمھۇرىيەت تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئانا ۋەتەننى قورشاپ تۇرىدىغان ئۈچ دېڭىزدا 103 پاراخوتنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا «2019 ‹كۆك ۋەتەن› ھەربىي مانىۋېرى» باشلاندى.

1153258
«‹كۆك ۋەتەن› ھەربىي مانىۋېرى» باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دېڭىز ئارمىيەسى ھەربىي ھەرىكەت ئىشلىرىنىڭ مەسئۇلى مايور گېنېرال يانكى باغجىئوغلۇ، گۆلجۈكتىكى دېڭىز ئارمىيەسى ئۇرۇش قوماندانلىق ئىشلىرى مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە،  «2019 ‹كۆك ۋەتەن› ھەربىي مانىۋېرى» نىڭ قارادېڭىز، ئەگە ۋە شەرقىي ئاقدېڭىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 3 دېڭىزدا تۇنجى قېتىم بىرلا ۋاقىتتا ئىشقا ئاشۇرۇلغان مانىۋېر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ مانىۋېر 27 – فېۋرال كۈنى (يەنى بۈگۈن) ھەرقايسى قىسىملار ۋە پاراخوتلارنىڭ قارادېڭىز، ئەرەگلى، ئۇمۇرىيە، گۆلجۈك، ئەردەك، چاناققەلئە، فوچا، ئاقساز ۋە ئىسكەندەرۇندىن ھەرىكەتكە ئۆتۈشى بىلەن باشلاندى. 6 – 8 – مارت كۈنلىرىمۇ <دېڭىز ئارمىيەمىز خەلقىمىزنى باغرىغا باسىدۇ> نامى ئاستىدا ترابزوندىن ئىسكەندەرۇنغىچە، پۈتكۈل قارادېڭىز، ئەگە ۋە شەرقىي ئاقدېڭىز ساھىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان شەكىلدە، ھەربىي مانىۋېرغا قاتناشتۇرۇلىدىغان 68 پاراخوت تەرىپىدىن مەملىكىتىمىزدىكى 33 پورت زىيارەت قىلىنىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر