ئەردوغان: ئامېرىكا فەتھۇللاھنى قايتۇرۇپ بېرىش ئارقىلىق دوستلۇقىنى كۆرسىتىشى لازىم

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكىنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى كاتىۋىشىنى قايتۇرۇپ بېرىش ئارقىلىق دوستلۇقىنى نامايان قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

ئەردوغان: ئامېرىكا فەتھۇللاھنى قايتۇرۇپ بېرىش ئارقىلىق دوستلۇقىنى كۆرسىتىشى لازىم

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان بىر خۇسۇسىي تېلېۋزىيە قانىلىنىڭ ئورتاق تارقىتىش پىروگراممىسىدا، كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالدى.

ئەردوغان 2016يىلى 15ئىيۇلدىكى ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئۇرۇنۇشىغا جاۋابكار فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى كاتىۋىشىنىڭ ئامېرىكىدا ھېمايە قىلىنىۋاتقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

دۆلىتىمىزدە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئالاقىدار ماقۇللانغان شۇنچە قارارلار بار ۋە بىز ئامېرىكىغا 85 باغلام ھۆججەت يوللىدۇق. مانا بۇلار ئوتتۇرىدا تۇرىدۇ. قېنى ئامېرىكا فەتھۇللاھنى پەقەتلا دۆلىتىدىن قوغلاپ چىقىرىپ، قايتۇرۇپ بەرسۇن، دوستلۇقىمىزنى كۆرۈپ باقايلى! بۇ مەسىلە بىزنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان يېرىكچىلىكلىرىمىزنى ئاشۇرماقتا» دېدى.

ئەردوغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ «24 سائەت ئىچىدە سۈرىيە مەسىلىسى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىمەن» دېگەن سۆزلىرىنىڭ دائېشقا ئالاقىدار بولۇشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلەپ، «ترامپ "دائېشقا قارشى زەپەرنى قولغا كەلتۈردۇق" دېيىشى، يەنى زەپەر ئېلانى بولۇشى مۇمكىن. دېمىسمۇ سۈرىيەدە دائېش دېگەن نەرسە قالمىدى. پەقەت ئۇۋاق قالدۇقلىرىلا قالدى» دېدى.

ئەردوغان ئاتالمىش 1915يىلى ۋەقەلىرىگە ئالاقىدار تۈركىيەگە تۆھمەت چاپلىغان فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرونغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ، فىرانسىيەنىڭ قىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقلىرىنى بىر - بىرلەپ ئاڭلاتتى.

ئەردوغان ماكرونغا: «ئۆز تارىخىڭنى ئۆگەنگىن!» دەپ چاقىرىقتا بولدى ۋە: «ماكرونغا دېدىمكى، سەن تېخى سىياسەتتە بەكلا يېڭى. سەن بۇلارنى (يەنى فىرانسىيەنىڭ قىرغىنچىلىق تارىخىنى) ئۆگەن. مانا ھازىر مەن ساڭا تارىختىن دەرس بېرىۋاتىمەن. سەن ئالدى بىلەن بۇ ئىشلىرىڭنى ھەل قىلغىن. بىزنىڭ تارىخىمىزدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يوق. بىرىنچى بولۇپ بۇ ئىشنىڭ تارىخىنى بىلگىن. ئەرمېنىيلەر بىزنىڭ دۆلىتىمىزدە ھېچقاچان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراپ باقمىدى. ھازىرمۇ تۈركىيەدە 100 مىڭ ئەرمەنىي پۇقرايىمىز بار» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقچى جىنايىتىگە دائىر خەلقئارالىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدىكى چاقىرىقىنىمۇ تەكرارلىدى.

يېڭى دەلىلەر بارلىقىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان: «بىز قولىمىزدىكى پاكىتلارنىڭ ھەممىسىنى بەرگىنىمىز يوق. جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلەرنىڭ بىرسى "مەن كېسىشنى ياخشى بىلەن" دەيدۇ. كېيىن بىلدۇقكى، بۇ كىشى ئەدلىيە دوختۇرى ئىكەن. ئەمدى مانا بۇلار ئوتتۇرىدا تۇرغان يەردە، يەنە نېمىنى مەخپىي تۇتماقچى؟ بۇ نەيزە تاغارغا پاتمايدۇ» دېدى.

 

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر