ئەردوغان بۈگۈن سوچىغا ماڭدى

ئەردوغان رۇسىيە ۋە ئىران پىرېزىدېنتلىرى بىلەن كۆرىشىدۇ.

1145135
ئەردوغان بۈگۈن سوچىغا ماڭدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «جان» ناملىق مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن تۈركىيە ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 10:05 ئۆتكەندە رۇسىيەنىڭ سوچى شەھىرىگە قاراپ ماڭدى.

ئەردوغان سۈرىيە تېمىلىق 4نۆۋەتلىك ئۈچ تەرەپ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن سوچىغا يۈرۈپ كەتتى.

ئەنقەرە ئەسەنبۇغا خەلقئارا ئايرودورۇمىدا ئەنقەرە ۋالىيسى ۋاسىپ شاھىن ۋە باشقا مەسئۇللار ئەردوغاننى ئۇزاتتى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا ئايالى ئەمىنە ئەردوغان، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى بەرات ئالبايراق، ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى ھاقان فىدان، جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى باشلىقى فەھرەتتىن ئالتۇن ۋە جۇمھۇر رەئىسلىك باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن ھەمراھ بولدى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سوچىدا رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ۋە ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان سۈرىيە تېمىلىق 4نۆۋەتلىك ئۈچ تەرەپ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىدۇ.

يىغىندا ئاستانە مۇنبىرىنىڭ سۈرىيە ئىختىلاپىغا ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەل قىلىش چارىسى تېپىشىنىڭ كاپالىتى سۈپىتىدە، مەيداندا ۋە سىياسىي ھەل قىلىش باسقۇچلىرىدا كۆرسىتلىگەن ئورتاق تىرىشچانلىقلار كۆزدىن كەچۈرىلىدۇ.

ئەردوغاننىڭ يىغىن جەريانىدا، مەنسەپداشلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈدىغان ئايرىم ئايرىم ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە، رۇسىيە ۋە ئىران بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردىن باشقا يەنە، رايون خاراكتېرلىق مەسىلىلەرنىمۇ مۇزاكىرىلىشىشى مۆلچەرلەنمەكتە. 

 

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر