خۇلۇسى ئاقار ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋەكىلى بىلەن كۆرۈشتى

خۇلۇسى ئاقار شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى مىنىستىرلار يىغىنى جەريانىدا مۇھىم ئۇچرىشىشلاردا بولدى.

1144965
خۇلۇسى ئاقار ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋەكىلى بىلەن كۆرۈشتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى مىنىستىرلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلغا يېتىپ باردى.

خۇلۇسى ئاقار بىرويۇسسېلدا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋەكىلى پاترىك شاناخان بىلەن كۆرۈشتى.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بازىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشتا سۈرىيەنىڭ يىقىنقى ۋەزىيىتى مۇزاكىرە قىلىندى.

خۇلۇسى ئاقار ئاندىن «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ مۇداپىئە ۋە ھۇجۇم ئىقتىدارى قۇرۇلمىسى شۇنداقلا 2019 - يىللىق سىياسىي يېتەكچىلىكى» تېمىلىق يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندىن كېيىن ماكېدونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى رادمىلا شېكېرىنسا بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ بارغان خۇلۇسى ئاقار، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ياۋروپا ئىتتىپاقداش قىسىملىرى يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانى گېنېرال مىچېل سىكارپارروتتى بىلەنمۇ كۆرۈشتى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر