سويلۇ: فەتھۇللاھچىلارغا قارشى يېڭى بىر قېتىملىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارىمىز

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلەيمان سويلۇ، يېڭى بىر قېتىملىق فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1142254
سويلۇ: فەتھۇللاھچىلارغا قارشى يېڭى بىر قېتىملىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر سۈلەيمان سويلۇ پايتەخت ئەنقەرەدە مەھەللە باشلىقلىرى ۋە ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى ئورگانلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەندە سۆز قىلىپ، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەشنىڭ داۋامى سۈپىتىدە يېڭى بىر قېتىملىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ئەقىللىرىنى باشلىرىدىن چىقارمازساق، نامەرتمىز. تېگىشلىك قەدەملەرنى تاشلايمىز، كىم نېمە قىلسا قىلسۇن، بىز بۇلارنىڭ بۇ دۆلەتتىن يىلتىزىنى قېزىپ تۈگىتىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر