«پ ك ك بىلەن كوردلارنى بىر دەپ قاراش كوردلارغا قىلىنغان ئېغىر ھاقارەتتۇر»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د/پ ك ك بىلەن كودرلارنى بىر دەپ قاراشنىڭ كوردلارغا قىلىنغان ئەڭ ئېغىر ھاقارەت  ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1141087
«پ ك ك بىلەن كوردلارنى بىر دەپ قاراش كوردلارغا قىلىنغان ئېغىر ھاقارەتتۇر»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئامېرىكا سودا ئۇيۇشمىسى ۋە تۈركىيە – ئامېرىكا كېڭىشى ئەزالىرىنى قوبۇل قىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، تۈركىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بارلىق قىيىن ئۆتكەللەردىن، ئوخشىمىغان سىناقلاردىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتۈپ، تۈرلۈك توسالغۇلارنى پاچاقلاپ تاشلىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت، ئورتاق مەنپەئەتلەرنى چىقىش نۇقتا قىلىدىغان، كۈچلۈك، كەڭ دائىرىلىك ۋە ئىستىراتېگىيەلىك ئىتتىپاقداشلىققا ئاساسلىنىدىغان مۇناسىۋەتتۇر، مۇناسىۋەتلىرىمىزدە پات – پات پىكىر ئوخشىماسلىقلىرى دائىرىسىدە بەزى كېلىشمەسلىكلەر ئوتتۇرىغا چىقسىمۇ، ئەمما بىز ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھلىقىمىزنى چىقىش نۇقتا قىلىپ، كۆپلىگەن قىيىن ئۆتكەللەردىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۆتتۇق.»

تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدە ئامېرىكا قىسىملىرى چېكىنىدىغان ساھەدە تېررورىزمغا قارشى  كۈرەش مەسئۇلىيىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنى پۈتۈنلەي يوقىتىش مەقسىتىدە ھەرىكەتكە ئۆتۈلگەن ئىدى، ئەمما ئاخىرىدا بۇ ھەرىكەتنى پ ي د/پ ك ك بىلەن ئېلىپ بارىدىغان ئەھۋال ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇنىڭ ئېغىر ئاقىۋىتى ئۇزۇن يىللار ئۆتكەندىن كېيىن كۆرۈلىدۇ، شۇڭا بۇ ھەقتە ئاگاھلاندۇرۇشتا بولىمەن.»

تۈركىيەنىڭ ئۆزىگە، رايونىغا ۋە دۇنياغا تەھدىت شەكىللەندۈرۈۋاتقان بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى  كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنىڭ قەتئىيلىكىنى تەكىتلىگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مۇنداق دېدى: «تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنى باشقا قولى قانلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن بىر گەۋدىلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنغان ئامېرىكىنىڭ سابىق بىر قىسىم رەھبەرلىرى، باشتىن تارتىپلا دۆلىتىمىزگە قارىتا تەتۈر تەشۋىقاتلارنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، پ ي د/پ ك ك بىلەن كوردلارنى بىر دەپ قاراش، كوردلارغا قىلىنغان ئەڭ ئېغىر ھاقارەتتۇر، شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، نۆۋەتتە دائېشنىڭ ھۇجۇملىرىدىن، پ ي د/پ ك ك نىڭ زۇلمىدىن قاچقان كورد قېرىنداشلىرىمىز پەقەت تۈركىيەدىنلا پاناھلىق تىلىمەكتە.»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سۈرىيەدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د/پ ك ك غا قورال - ياراغ ياردەم قىلىشىنى  تەنقىد قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا تېخىچە پ ي د/پ ك ك نى تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ ئېتىراپ قىلغىنى يوق، مۇناسىۋەتلىرىمىزدە قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇۋاتقان ئاساسلىق مەسىلىمۇ دەل مۇشۇ.»

ئۇ يەنە، سۈرىيەدە ئىنسانپەرۋەرلىك چىقىش نۇقتا قىلىنىدىغان بولسا، ئۇنداقتا، چېدىر شەھەرلەرنىڭ بەرپا قىلىنىشىنىڭ زۆرۈرلۈكى توغرىلىقمۇ چاقىرىقتا بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر