ئاق پارتىيە باياناتچىسى چەلىك ماكرونغا نارازىلىق بىلدۈردى
ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باياناتچىسى ئۆمەر چەلىك فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكروننىڭ 24 – ئاپرېل كۈنىنى ئاتالمىش «ئەرمەنىي قىرغىنچىلىقى» نى خاتىرىلەش كۈنى دەپ ئېلان قىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چەلىك، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكروننىڭ تارىخ بىلەن يۈزلىشىشنى سىياسەت تېمىسى قىلماقسى بولسا، ئالدى بىلەن، ئۆزىنىڭ تارىخى بىلەن يۈزلىشىش يولىنى تاللىشى لازىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئېممانۇئېل ماكروننىڭ 1915 – يىلقى ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىدە يۈز بەرگەن ھادىسىلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئاساسسىز دەۋالارغا ئالاقىدار قارارىنى ئەيىبلەيمىز. ماكروننىڭ سىياسىي مەنپەئەتنى نىشان قىلىدىغان گۇرۇپپىلارنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىش ئۈچۈن تاشلىغان بۇ قەدىمى دىيالوگقا توسالغۇ تەشكىل قىلماقتا. ئەگەر فىرانسىيە تارىخ بىلەن يۈزلىشىشنى سىياسەت تېمىسى قىلماقسى بولسا، ئالدى بىلەن، ئۆزىنىڭ تارىخى بىلەن يۈزلىشىش يولىنى تاللىشى لازىم، جۈملىدىن، بېنىن، بۇركىنا فاسو، گابون، گىۋىنېيە، كامېرۇن، ماۋرىتانىيە، نېگىر، سېنېگال، تۇنىس ۋە چاد قاتارلىق دۆلەتلەردە ئىنسانىيەتكە قارشى سادىر قىلغان جىنايەتلىرى بىلەن يۈزلىشىشى كېرەك.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە-گىرېتسىيە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنى ئاتىنادا ئېچىلدى
تۈركىيە-گىرېتسىيە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش تەدبىرلىرى يىغىنى ئاتىنا (ئافىنا)دا ئۆتكۈزۈلدى.