چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا بىلەن تۈركىيەنىڭ ئورتاق ۋەزىپە ئۆتەش قىسمى قۇرغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكانىڭ سۈرىيەدىن چېكىنىش مۇساپىسىنى ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن، تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئورتاق ۋەزىپە ئۆتەش قىسمى قۇرۇلغانلىقىنى ئېيتتى.

1140419
چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا بىلەن تۈركىيەنىڭ ئورتاق ۋەزىپە ئۆتەش قىسمى قۇرغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ دائېشقا قارشى بىرلەشمە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلغان ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى ئۇچرىشىشلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئۇ تۈركىيە بىلەن ئامېرىكانىڭ، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ چېكىنىشى ۋە تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدىكى خەۋپسىزلىك قايغۇلىرىنى بىرلىكتە مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئامېرىكانىڭ سۈرىيەدىن چېكىنىش مۇساپىسىنى ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن، تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئورتاق ۋەزىپە ئۆتەش قىسمى قۇرۇلغانلىقىنى قەيت قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئامېرىكانىڭ سۈرىيەدىن چېكىنىش مۇساپىسىنى يېقىندىن كۆزىتىش ئۈچۈن بىر ۋەزىپە ئۆتەش قىسمى قۇردۇق. بۇنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيوغا شەخسەن ئۆزۈم تېلېفوندا تەكلىپ قىلغان ئىدىم. ئۇ تەكلىپكە ئىجابىي قارىدى. بۇ ۋەزىپە ئۆتەش قىسمى ئامېرىكانىڭ چېكىنىش مۇساپىسىگىلا مەركەزلىشىدۇ، بىز پات-پات كۆرۈشۈپ، ئۆزئارا تەكلىپلەرگە قاراپ چىقىمىز، يېڭى مەلۇماتلار كېلىپ تۇرىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئوڭۇشلۇق ۋە ماسلاشقان ھالدا بۇ مېخانىزمنى ئىشقا كىرىشتۈرگەن بولدۇق» دېدى.

ئۇ مۇنبىچ پىلانىدىمۇ كېچىكىشلەرنىڭ بولغانلىقىنى، بىراق ناچار ھاۋا شارائىتلىرىغا قارىماستىن مۇنبىچ پىلانىنى ئىجرا قىلىش سۈرئىتىنىڭ تېزلىشىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ|پ ك ك نىڭ ھازىرمۇ مۇنبىچتا ئىكەنلىكىنى ۋە تەشكىلاتنىڭ مۇنبىچتىن چېكىنىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئامېرىكانىڭ بىلىپ ۋەيا بىلمەي كۈرت (كورد) لەر بىلەن تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ ئەزالىرىنى ئوخشاش دەپ قارىۋالغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئۇ سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدا تەسىس قىلىنىشى پىلان قىلىنغان بىخەتەر رايونغا مۇناسىۋەتلىك سوئاللارغا: «مەقسەت تېررورىستلارغا تەڭپۇڭ رايون قۇرۇپ بېرىش بولسا، تۈركىيە بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ قايغۇلىرىغا خىتاب قىلغان بىخەتەر رايوننىڭ تۈركىيە تەرىپىدىنمۇ قوللاشقا ئېرىشىدىغانلىقىنى، بىخەتەر رايون پىكرىنىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ پىلانى ئىكەنلىكىنى، بىراق ئامېرىكانىڭ سابىق پىرېزىدېنتى باراك ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ پىلانغا يېقىنلاشمىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر