ئەردوغان دەنكتاش ئائىلىسىگە تەزىيە بىلدۈردى

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، مەرھۇمە ئايدىن دەنكتاشنىڭ ئوغلى سەردار دەنكتاشقا تېلېفون ئېلىپ، ئائىلىگە تەزىيە بىلدۈردى

1137684
ئەردوغان دەنكتاش ئائىلىسىگە تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچى پىرېزىدېنتى مەرھۇم رائۇف دەنكتاشنىڭ رەپىقىسى ئايدىن دەنكتاشنىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئائىلىسىگە تېلېفون ئېلىپ تەزىيە بىلدۈردى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، مەرھۇمە ئايدىن دەنكتاشنىڭ ئوغلى سەردار دەنكتاشقا تېلېفون ئېلىپ، ئائىلىگە تەزىيە بىلدۈردى ۋە مەرھۇمە دەنكتاشقا ئاللاھتىن رەھمەت تىلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر