ئامېرىكا ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى دۇنفورد ياشارگۈلەر بىلەن كۆرۈشتى

ئامېرىكا ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال جوسېف دۇنفورد تۈركىيە ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال ياشار گۈلەر بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1133511
ئامېرىكا ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى دۇنفورد ياشارگۈلەر بىلەن كۆرۈشتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  دۇنفوردنىڭ ياشار گۈلەر بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىدە سۈرىيەنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى مۇزاكىرە قىلىندى.

ئامېرىكا ئارمىيە باش ئىشتاب باياناتچىسى پولكاۋنىك پاترىك رايدېر سۆھبەت ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، «ئىككى دۆلەت قوماندانلىرىنىڭ سۈرىيەدىكى بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ تەل - تۆكۈس مەغلۇپ قىلىنىشىنى ئاشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكا بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ مۇھىملىقىنى مۇزاكىرىلەشتى» دېيىلدى.

تۈركىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ناتو ئىتتىپاقداشلىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇزۇن يىللىق ئۆتمۈشكە ئىگە ھەربىي مۇناسىۋەتلەردىن پايدىلىنىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن پولكاۋنىك پاترىك رايدېر، گېنېرال دۇنفوردنىڭ «ئامېرىكا تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىكىگە دائىر بەرگەن ۋەدىلىرىنى يېڭىلىدى» دېگەنلىكىنى بىلدۈردى.

گېنېرال دۇنفورد ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ سۈرىيەدىن چېكىنىش ھەققىدە بەرگەن يول يۇرۇقىنى مۇزاكىرىلىشىش ئۈچۈن دېكابىردا ئەنقەرەگە كەلگەن بولۇپ، مەنسەپدىشى گېنېرال ياشار گۈلەر ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار بىلەن كۆرۈشكەن ئىدى.

دۇنفورد ئالدىنقى ھەپتىمۇ بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو) ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقلىرى يىغىنىدا، ياشار گۈلەر بىلەن ئايرىم سۆھبەت ئۆتكۈزگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر