«سايلام نەتىجىلىرىگە ھۆرمەت قىلماسلىق دېموكراتىيەگە ھۆرمەت قىلماسلىقتۇر»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سايلام نەتىجىلىرىگە ھۆرمەت قىلماسلىقنىڭ دېموكراتىيەگە ھۆرمەتسىزلىك بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1132735
«سايلام نەتىجىلىرىگە ھۆرمەت قىلماسلىق دېموكراتىيەگە ھۆرمەت قىلماسلىقتۇر»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ۋېنېزۇئېلادا مەيدانغا كەلگەن ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىشكە نارازىلىق بىلدۈردى.

ئەردوغان: سايلام ساندۇقىدىن چىققان نەتىجىلەرگە ھۆرمەت قىلىنمىسا، بۇ دېموكراتىيە ئەمەستۇر، دېدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن تۈركىيەگە زىيارەت كەلگەن مالتا پىرېزىدېنتى مارىيا-لىيۇس كولېرو پرېسا ئايرىم ۋە ھەيئەتلەرئارا كۆرۈشكەندىن كېيىن، تۈنۈگۈن جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ۋېنېزۇئېلادا يۈز بەرگەن ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش توغرۇلۇق توختىلىپ دېموكراتىيە كۈرىشى ئېلىپ بېرىۋاتقانلارنىڭ سايلامدا ئۇتۇپ چىققانلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

پىرېزىدېنت مادۇروغا تېلېفون قىلىپ «دېموكراتىيەگە قارشى تۇرغۇچىلارغا قەتئىي بويۇن ئەگىمەڭ»دېگەنلىكىنى ئېيتقان ئەردوغان، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ۋېنېزۇئېلادىكى ۋەقەلەرگە تۇتقان پوزىتسىيەسىدىن تولىمۇ ھەيران قالغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەردوغان مۇنداق دېدى: «مادۇرو ئىشەنگەن يولىڭدا بوشاشماي ماڭسا، خەلق ئۇنىڭ كەينىدىن ماڭىدۇ.»

مەنسەبدېشى پرېسانى كۈتۈۋېلىشتىن تولىمۇ خۇشاللىق ھېس قىلغانلىقىنى ئېيتقان ئەردوغان: بۇ قېتىمقى ئەھمىيەتلىك زىيارەتنىڭ تۈرتكىسىدە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە يېڭى بىر سەھىپە ئېچىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، دېدى.

ئەردوغان تۈركىيە-مالتا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۈچىيىپ مېڭىۋاتقانلىقىنى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا بۇرۇنمۇ باش مىنىستىرلىق ۋە مىنىستىرلار سەۋىيەسىدە زىيارەتلەرنىڭ بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

مەنسەبدېشى پرېسا بىلەن تۈركىيە-مالتا مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە ئەتراپلىق كېڭەش ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئېيتقان ئەردوغان مۇنداق دېدى: « مۇناسىۋەتلىرىمىزنى مەدەنىيەت، ساياھەت، مائارىپ، سەھىيە ۋە دېڭىزچىلىققا ئوخشاش نۇرغۇن ساھەدە تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن كېلىشتۇق.»

كۆرۈشۈشتە ئىككى دۆلەتنىڭ سودا ئومۇمىي سوممىسىنى 2 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈش مەسىلىسىمۇ تىلغا ئېلىندى.

مالتا ھۆكۈمىتىنىڭ  تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىقىنى ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ئەردوغان: مالتانىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشىمىزنى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئىزچىل قوللايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيە پۇقرالىرىغا ۋىزا بەلگىلىمىسىنى بىكار قىلىۋەتسە ۋە تاموژنا كېلىشىمىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈلسە، تۈركىيە-مالتا مۇناسىۋەتلىرى مۇلازىمەت كەسپىي، مەبلەغ ۋە ساياھەتچىلىكتە تېخىمۇ كۈچىيىدۇ،دېدى.

مالتا پىرېزىدېنتى مارىيا-لىيۇس كولېرو پرېسا تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىقى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مالتا ھۆكۈمىتى تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىقىنى قوللايدۇ، مالتا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىزچىل كېڭىيىشىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭمۇ غايىمىز ۋە نىشانىمىز مۇشۇنداق. رايوننىڭ  باياشات، قۇدرەتلىك ۋە تىنچ بىر ياۋروپاغا ئېھتىياجى بار.»

تۈركىيەنىڭ رايوندىكى مەسىلىلەرنى دىيالوگ يولى ئارقىلىق ھەل قىلىشقا تىرىشىپ كېلىشىدىن تولىمۇ خۇرسەن بولغانلىقىنى ئېيتقان پىرېزىدېنت مارىيا-لىيۇس كولېرو پرېسا: تۈركىيە رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە تىنچلىقى ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كېلىۋاتىدۇ، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە ھۆرمەتلىك ئەردوغاننىڭ زور تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، مىليونلارچە كۆچمەن تۈركىيەدە خاتىرجەم ياشاۋاتىدۇ، دېدى.

پىرېزىدېنت مارىيا-لىيۇس كولېرو پرېسا يېقىنقى يىللاردا مەيدانغا كەلگەن ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئىككى دۆلەتكە نىسبەتەن پايدىلىق شارائىتلارنى يارىتىپ بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

مارىيا-لىيۇس كولېرو پرېسا تۈركىيە-مالتا ئىقتىسادىي ۋە سودا شىرىكلىك كومىتېتىنىڭ كېيىنكى قېتىملىق يىغىنىنىڭ تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، يىغىننىڭ مەقسىتىنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق ساھەلىرىنى تېخىمۇ  كېڭەيتىش ئۈچۈن شارائىت بەرپا قىلىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

مالتا پىرېزىدېنتى مارىيا-لىيۇس كولېرو پرېسا يەنە مالتا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن، كەرچ بوغۇزىدا يۈز بەرگەن ۋەقەدە قازا قىلغان تۈركىيە پۇقرالىرىغا تەزىيە بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر