مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ۋېنېزۇئېلا ۋەزىيىتى ئۈستىدە مۇھىم سۆز قىلدى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ۋېنېزۇئېلا ۋەزىيىتىنىڭ ئەندىشىلەندۈرۈگۈچ ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1132371
مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ۋېنېزۇئېلا ۋەزىيىتى ئۈستىدە مۇھىم سۆز قىلدى

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ: «ئەپسۇسكى، يېقىندىن بۇيان بەزى لاتىن ئامېرىكا دۆلەتلىرى ۋە ئامېرىكا داۋاملىق دېگۈدەك ۋېنېزۇئېلانىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋېلىپ كەلمەكتە» دېدى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىر تېلېۋىزىيە قانىلىدا كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالدى. ۋېنېزۇئېلانىڭ تەبىئىي بايلىقلىرى نۇقتىسىدىن دۇنيا بويىچە ئەڭ باي دۆلەتلەر ئارىسىدا ئورۇن ئالغانلىقىنى، بىراق بۈگۈنگە قەدەر ئۇ تەبىئىي باشلىقلىرىنى ئىشلىتىش جەھەتتە ئارقىدا قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ۋېنېزۇئېلادىكى ھازىرقى ۋەزىيەتنىڭ قاتتىق ئەندىشلىك ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ قېيىن مەزگىللەردە ۋېنېزۇئېلانىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىشكە تىرىشقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «لېكىن ھازىر سايلام ئارقىلىق ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن بىر دۆلەت رەئىسى بار. يەنە بىر تەرەپتە پارلامېنت باشلىقى ئۆزئۆزىنى دۆلەت رەئىسى دەپ ئېلان قىلىۋالغان بىر ئەھۋال بار. بۇ تولىمۇ ھەيران قالارلىق ئىش. ئەسلى ۋېنېزۇئېلادا دۆلەت رەئىىسى قانداق بەلگىلىنىدۇ، بۇ ھەممىگە ئېنىق. نۇرغۇن دۆلەتلەر بۇنى ئېتىراپ قىپتۇ. ئەمدىلىكتە ئاساسەن بىر مالىمانچىلىققا يول ئېچىلىشى مۇمكىن» دېدى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈنۈگۈن كەچتە ۋېنېزۇئېلا دۆلەت رەئىسى نىكولاس مادۇروغا تېلېفون قىلىپ، يېڭى ئەھۋاللار ھەققىدە مەلۇمات ئالغانلىقىنى ۋە تۈركىيەنىڭ دېموكراتىيەنى كۈچلۈك قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنلىكىنى ئەسكەرتتى. 

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ: «ئىنشائاللاھ ۋېنېزۇئېلا تىنچ ھالدا ئىچكى تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۈپ، بۇ باسقۇچتىن ئۆتۈپ كەتكۈسى. ئەكسىچە بولغاندا قورقۇنچلۇق ئىشلار يۈز بېرىشى مۇمكىن. بۇنىڭدىنمۇ ئەندىشە قىلماقتىمىز. تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تېگىشلىك مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىشقا تىرىشىۋاتىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر