جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان رۇسىيەگە يۈرۈپ كەتتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن رۇسىيەگە يۈرۈپ كەتتى.

1131470
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان رۇسىيەگە يۈرۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان باشچىلىقىدىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى فاتىھ دۆنمەز، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاقار، ئورمانچىلىق ئىشلىرى مىنىستىرى بەكىر پاكدەمىرلى، دۆلەتلىك ئاخبارات ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرى  ئورگىنىنىڭ باشلىقى ھاقان فىدان، جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن ۋە جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپقان ھەيئەت ئەسەنبوغا ئايرودۇرۇمدىن ئەنقەرە ۋالىيسى ۋاسىپ شاھىن، ئەنقەرە شەھەر باشلىقى مۇستافا تۇنا ۋە باشقا دائىرىلەر ئۇزىتىپ قويدى.

ئەردوغان خىزمەت زىيارىتى دائىرىسىدە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشىدۇ.

زىيارەت دائىرىسىدە، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك مىنىستىرلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى، ئۇچرىشىشتا، تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىدىن سىرت يەنە، سۈرىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلۇشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر