تۈركىيەگە ھۇجۇم قىلغانلار ئەڭ ئېغىر بەدەل تۆلەيدۇ

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەگە كىچىك كۆلەمدە ھۇجۇم قىلغانلارنىڭمۇ، ئەڭ ئېغىر شەكىلدە بەدەل تۆلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1130077
تۈركىيەگە ھۇجۇم قىلغانلار ئەڭ ئېغىر بەدەل تۆلەيدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيە سودا-سانائەتچىلەر ۋە پاي چېكى بازارلىرى بىرلەشمىسىنىڭ قوش مۇنار كونفېرانس زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىقتىساد شۇراسى يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش قاتارلىق ي پ گ، پ ي د نىڭ ھەممىسى ئېغىر بەدەل تۆلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھېچكىم بىزنى بىئارام قىلىشقا ئۇرۇنمىسۇن. بەزىلىرى سىياسەت يولى بىلەن، بەزىلىرى جەڭ مەيدانىدا قورال بىلەن، يەنە بەزىلىرى ئۈستەلدە دىپلوماتىيە ئارقىلىق تۈركىيەنى ئۆزىنىڭ كاللىسىدىكى تار قىلىپقا كىرگۈزۈش ئۈچۈن بار كۈچى بىلەن تىرىشىۋاتىدۇ. بىراق، ئۇ كۈنلەر كەلمەسكە كەتتى.»

ئۇ ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئۇچرىشىشلارنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىش ئىچىدە نەتىجىلىنىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى:

«بىراق بۇ، ساقلاپ يېتىش، كۆزىمىزنىڭ ئالدىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەييارلىقلارنىڭ نەتىجىلىنىشىنى كۈتۈپ قاراپ تۇرۇش، دېگەنلىك ئەمەس. مانا بىز ھازىر چېگرالاردا تۇرۇۋاتىمىز، پۈتكۈل كۈچىمىز بىلەن ئۇ يەرلەردە تۇرۇۋاتىمىز. ئەڭ يېقىن يەردە تۇرۇپ ئۆزگىرىشلەرنى كۆزىتىپ تۇرۇۋاتىمىز. بىزگە بېرىلگەن ۋەدىلەرگە ئەمەل قىلىنسا ۋە بۇ مۇساپە كۈچكە ئىگە بولسا ناھايىتى ياخشى. ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، تەييارلىقلىرىمىزنى كەڭ كۆلەمدە پۈتكۈزدۇق، ئۆزىمىزنىڭ ئىستراتېگىيەسى توغرىسىدا قىلىشقا تېگىشلىك قەدەملەرنى بېسىشنى باشلايمىز.»

ئۇ فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىدە تەسىس قىلىنىشى كۈنتەرتىپكە كەلگەن «بىخەتەر رايون» ھەققىدىمۇ توختالدى. ئۇ: «دۆلىتىمىزگە قارشى يېڭى تېررورلۇق ئۇۋىسىغا ئايلىنىدىغان بىخەتەر رايوننىڭ تەسىس قىلىنىشىغا قەتئىي يول قويمايمىز. بىخەتەر رايون تەكلىپىمىز، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى تۈركىيەنىڭ كونتروللۇقىدا چېگرالىرىمىزدىن يىراقلاشتۇرۇش مەقسىتىگە ئىگە» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر