تۈركىيە مېكسىكىغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە، تلاھۇئېلىلپان شەھىرىدىكى نېفىت تۇرۇبا لىنىيەسىدە تۈنۈگۈن مەيدانغا كېلىپ نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان پارتلاش مۇناسىۋىتى بىلەن مېكسىكىغا تەزىيە بىلدۈردى.

1129225
تۈركىيە مېكسىكىغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، نېفىت تۇرۇبا لىنىيەسىدە مەيدانغا كەلگەن پارتلاشتا كۆپ ساندا ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە كۆپ ساندا ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىدىن قايغۇرۇش ئىچىدە خەۋەر تېپىلغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە «قازادا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، مېكسىكا خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز، يارىدارلارغا تېز شىپالىقلار تىلەيمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

تۈنۈگۈن مېكسىكىنىڭ تلاھۇئېلىلپان شەھىرىگە يېقىن جايدا تۇرۇبىنىڭ يېرىلىپ كەتكەن يېرىدىن ئاققان نېفىتقا ئوت كېتىپ پارتلاش يۈز بەرگەن؛ مېكسىكا دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى، پارتلاشتا تۇرۇبىدىن تۆكۈلگەن نېفىتنى يىغىۋېلىش ئۈچۈن بارغان 66 ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر