تۈركىيە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بىخەتەر رايون قۇرۇلۇشىغا ئىجابىي قارايدۇ

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاكسوي مىنىستىرلىقتا چاقىرغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالدى.

1128836
تۈركىيە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بىخەتەر رايون قۇرۇلۇشىغا ئىجابىي قارايدۇ

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاكسوي سۈرىيەنىڭ ئىچىدە بىر بىخەتەر رايون قورۇلۇشى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ، بۇ مەسلىسىنىڭ خېلى ئۇزۇن مەزگىل بۇرۇنلا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەرىپىدىن كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىنگەنلىكىنى، بىراق ئەينى چاغدىكى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوباما ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ھامى ئاكسوي «ئامېرىكا پىرېزىدېنتى تەكلىپ قىلغان بىخەتەر رايون قۇرۇلۇشىغا ئىجابىي قارايمىز. بىراق بۇنىڭ ئەمەلىيلىشىشى قانداق بولىدۇ؟ رايوننىڭ قانداق شەكىللەندۈرىلىدىغانلىقى قاتارلىق تېمىلاردا ئۇچرىشىشلارنى داۋاملاشتۇرماقتىمىز. بىخەتەر رايون يالغۇز بىزنىڭ چېگرايىمىزنىلا كاپالەت ئاستىغا ئېلىپ قالسماتىن، ئۆز نۆۋىتدە يەنە بۇ يەردىكى خەلقنىڭ خاتىرىجەملىك ۋە بىخەتەرلىك ئىچىدە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. كەلگۈسىدىكى چوڭ كۆچمەنلىك ئېقىمىنى توختىتىش ۋە مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش شۇنداقلا تۈركىيەدە ياشاۋاتقان سۈرىيە پۇقرالىرىنى دۆلەتلىرىگە قايتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش رولى ئوينايدىغان مۇھىم بىر ئامىل  بولىدۇ، دەپ قارايمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر