تۈركىيەدە 2018-يىلى چەت ئەللىكلەرگە ئۆي سېتىش نىسبىتى كۆرىنەرلىك ئاشقان

تۈركىيەدە 2018-يىلى چەت ئەللىكلەرگە ئۆي سېتىش نىسبىتى بۇرۇنقى يىللارغا سېلىشتۇرغاندا كۆرىنەرلىك ئاشقان.

1126887
تۈركىيەدە 2018-يىلى چەت ئەللىكلەرگە ئۆي سېتىش نىسبىتى كۆرىنەرلىك ئاشقان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدە 2018-يىلى چەت ئەللىكلەرگە ئۆي سېتىش نىسبىتى بۇرۇنقى يىللارغا سېلىشتۇرغاندا كۆرىنەرلىك ئاشتى.

ئۆي-مۈلۈك ۋە بانكىچىلىق ساھەلىرىنىڭ ئېلىپ بارغان ئېتىبار بېرىش خىزمەتلىرى، شۇنداقلا تاشقى پېرېۋوت قىممىتىنىڭ ئۆسۈشى قاتارلىقلار تۈپەيلى، چەت ئەللىكلەرگە ئۆي سېتىش نىسبىتىنىڭ ئاشقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بۇلتۇر چەت ئەللىكلەرگە ئۆي سېتىش نىسبىتى 2017-يىلغا سېلىشتۇرغاندا %78.4 ئېشىپ، 39 مىڭ 663 يۈرۈش ئۆي سېتىلغان بولسا، 2017-يىلى 22 234 يۈرۈش ئۆي سېتىلغانىدى.

چەت ئەللىكلەرگە بۇلتۇرنىڭ دەسلەپكى چارىكىدە 5298، ئىككىنچى چارىكىدە 6518، ئۈچىنچى چارىكىدە 12339، تۆتىنچى چارىكىدە 15508 ئۆي سېتىلدى.

2018-يىلى چەت ئەللىكلەر ئەڭ كۆپ ئىستانبۇلدىن ئۆي سېتىۋالدى.

بۇلتۇر چەت ئەللىكلەرگە ئىستانبۇلدا 14270، ئانتاليادا 7938، بۇرسادا 2720، ئەنقەرەدە 2133، يالوۋادا 2063 يۈرۈش ئۆي سېتىلدى.

چەت ئەل پۇقرالىرى ئىچىدە ئەڭ  كۆپ ئىراقلىقلار ئۆي سېتىۋالغان بولۇپ، ئىراقلىقلار 2018-يىلى 8205 يۈرۈش ئۆي سېتىۋالغان.

ئىراقلىقلاردىن قالسا ئىرانلىقلار 3652، سەئۇدى ئەرەبىستانلىقلار 2718، رۇسلار 2297، كۇۋەيتلىكلەر 2199، ئافغانىستانلىقلار 2084 يۈرۈش سېتىۋالغان.


خەتكۈچ: #تۈركىيە , #ئۆي

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر