ئاقساراي ئەردوغان-ترامپ سۆھبىتى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

ئاقساراي باياناتچىسى سارا ساندېرس تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ تېلېفون سۆھبىتى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.

1125712
ئاقساراي ئەردوغان-ترامپ سۆھبىتى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي باياناتچىسى سارا ساندېرس ئەردوغان بىلەن ترامپنىڭ تېلېفون سۆھبىتى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا، ئامېرىكانىڭ سۈرىيەدىن چېكىنىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«ئىككى رەھبەر ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ چېكىنىشىدىن باشقا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرى، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ساقلىنىۋاتقان نۇرغۇن مەسىلىلەر ۋە كېلەچەكتىكى ھەمكارلىق مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى. پىرېزىدېنت ترامپ سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىي ھەققىدىكى تۈركىيەنىڭ ئەندىشەلىرىنى تىلغا ئالغاندا، تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە خىزمەت قىلىش ئارزۇسىنى ئىپادىلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدىكى كۈرت (كورد) لەرگە ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ مەغلۇب بولۇشىغا بىرلىكتە كۈچ چىقارغان س د گ (سۈرىيە دېموكراتىك كۈچلىرى) غا ناچار مۇئامىلە قىلماسلىقىنىڭ، ئامېرىكا ئۈچۈن ئېيتقاندا ئەھمىيىتىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.»

باياناتنىڭ ئاخىرىدا، ئامېرىكا ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى جوسېف دۇنفوردنىڭ بۈگۈن (سەيشەنبە) تۈركىيە ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى ياشار گۈلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، سۈرىيەدىكى ھەمكارلىق مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر