ئەردوغان بىلەن ترامپنىڭ سۆھبىتىدە «بىخەتەر رايون» مەسىلىسى كۈنتەرتىپكە كەلگەن

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سۈرىيەدە تەسىس قىلىنىشى مۇمكىن بولغان «بىخەتەر رايون» لايىھەسىدە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ قولچۇماقچىسى ي پ گ|پ ي د نىڭ ئورنىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

1126193
ئەردوغان بىلەن ترامپنىڭ سۆھبىتىدە «بىخەتەر رايون» مەسىلىسى كۈنتەرتىپكە كەلگەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى (AK Parti) نىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) گۇرۇپپا يىغىنىدىن كېيىن، مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. ئۇ تۈنۈگۈن (14-يانۋار) ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەندە كۈنتەرتىپكە كەلگەن سۈرىيەدە «بىخەتەر رايون» تەسىس قىلىش پىكرى ئۈستىدە توختالدى. ئۇ تۈركىيەنىڭ بۇ پىكىرنى سابىق پىرېزىدېنت باراك ئوباما دەۋرىدىلا تەكلىپ قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، مۇنداق دېدى:

«ئامېرىكا سۈرىيەدە ھاۋا كونتروللۇقىنى قولىغا ئالسا، بىز قۇرۇقلۇقتا بارلىق بىخەتەرلىكنى قولىمىزغا ئالالايمىز دېگەن ئىدۇق. ئوباما بۇ مەسىلىدە تېگىشلىك قەدەملەرنى باسمىدى، ئوباما بۇنىڭدا 30 كىلومېتىر كەڭلىكتە بولسا بولىدۇ، دەپ قارايتتى. مەنمۇ بۇ پىكىرگە ئىجابىي قارىغان ئىدىم. بۇ مەسىلە ئۈستىدە يەنە ئويلىشىشقا بولىدۇ، ھەتتا بۇنى يەنە 20 مىل كېڭەيتىشكىمۇ بولىدۇ.»

ئۇ تۈركىيەنىڭ كوللېكتىپ تۇرالغۇ تەرەققىيات ئىدارىسى (TOKİ) ئارقىلىق بۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ: «ئارقا سەپتە ماددىي جەھەتتىن ياردەم قىلىش ۋەزىپىسى بىزگە بېرىلسە، بىخەتەر رايون مەسىلىسىنى ھەل قىلغان بولىمىز. بىراق، بىخەتەر رايون تېررورىستلارغا تاشلاپ بېرىلمەيدۇ. ي پ گ| پ ك ك بۇنداق لايىھەدىن ئورۇن ئالالمايدۇ، چۈنكى ئۇلار تېررورىست. خەلقئارالىق بىرلەشمە قىسىم بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىنىدۇ.»

ئۇ سۈرىيە مەسىلىسى بويىچە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ۋە ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى بىلەن ئۈچ تەرەپ يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە مۇنداق دېدى:

«رۇسىيە زىيارىتىمنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 23-كۈنى ئەمەلگە ئېشىش مۇمكىنچىلىكى چوڭ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر