ئەردوغان: كۈلتۈر ۋە سەنئەت ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە مەسىلە

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كۈلتۈر ۋە سەنئەتنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇق نۇقتىسىدىن ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1123325
ئەردوغان: كۈلتۈر ۋە سەنئەت ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە مەسىلە

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان باشتەپە قۇرۇلتاي زالىدا «كۈلتۈر ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى 2018يىللىق ئالاھىدە مۇكاپاتى» مۇراسىمىدا نۇتۇق سۆزلىدى.

كۈلتۈر ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى 1979يىلىدىن ئېتىبارەن ھەر يىلى تارقىتىپ كېلىۋاتقان ۋە 2016يىلىدىن باشلاپ، «كۈلتۈر ۋە ساياھەت ئالاھىدە مۇكاپىتى» دەپ نام بېرىلگەن مۇكاپاتنىڭ بۇ يىللىق ساھىپلىرى مۇئەييەنلەشتى.

«مىنىستىرلىق ئالاھىدە مۇكاپاتى» غا ئەمىن ئونگار مۇزىكا جەمىيىتى لايىق كۆرۈلدى ھەمدە دوغۇش ھېسسىدارلىق شىركىتىنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن قۇرۇلغان ئارا گۈلەر ئارخىپ تەتقىقات مەركىزى، ئارا گۈلەر مۇزىيىمۇ ئالاھىدە مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلدى. 

ئەردوغان سۆزلىگەن نۇتىقىدا، كۈلتۈر سەنئەت مەسلىسىنىڭ ھېچ بولمىغاندا تېررورلۇققا قارشى كۈرەش، ياكى تاشقى سىياسەت ۋە ياكى دۆلەت ئۇل - ئەسلىھە خىزمەتلىرىگە ئوخشاش مۇھىم ئەھمىيەتلىك، ھاياتى مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەردوغان: «ئىنشائاللاھ يېڭى مەزگىلدە دۆلىتىمىزدە كۈلتۈر ۋە سەنئەتنى شۇنداقلا بىناكارلىق ۋە شەھەرچىلىكنى تېگىشلىك بولغان سەۋىيەگە كۆتۈرىمىز» دېدى.

ئەردوغان جۇمھۇر رەئىسلىك خىزمەتلىرى دائىرىسىدە قۇرۇلغان كۈلتۈر سەنئەت سىياسىتى ئورگىنىنىڭ بۇ ساھەدىكى شىياسەتلەرنى ببلەگىلەشكە ھەسسە قوشىدىغانلىقىنى، قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىنى يېقىندىن تەقىب قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر