ئاقار ئامېرىكا باش ئىشتاب باشلىقى  بىلەن كۆرۈشتى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاقار ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باش ئىشتاب باشلىقى  گېنېرال جوزېف دۇنفوردنى قوبۇل قىلدى.

1121855
ئاقار ئامېرىكا باش ئىشتاب باشلىقى  بىلەن كۆرۈشتى
dunford-akar2.jpg
Akar.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تۈركىيە باش ئىشتاب باشلىقى گۈلەرمۇ قاتناشقان ئۇچرىشىشتا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ گە بېرىلگەن قورال – ياراغلارنىڭ يىغىۋېلىنىشى ۋە دائېش قاتارلىق بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى  كۈرەش توغرۇلۇق مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقى، ئاقارنىڭ دۇنفورد باشچىلىقىدىكى ھەيئەتكە: «مۇنبىچ يول خەرىتىسىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تاماملىنىپ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ نىڭ دەرھال رايوندىن چىقىرىلىشى لازىملىقىنى ئېيتقانلىقى ھەمدە تۈركىيەنىڭ ھەم ئۆزىنىڭ چېگرا رايونلىرىنى قوغداش ھەم رايوننىڭ مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كېرەكلىك تەدبىرلەرنى ئېلىش ئىرادىسىنىڭ قەتئىيلىكى» نى تەكىتلىگەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر