«تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى ئىنتايىن مۇھىم»

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باياناتچىسى ئۆمەر چەلىك تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى، شۇكا بۇ ھەقتە ۋاقىتنى كېچىكتۈرۈشكە، سۆھبەت ئېلىپ بېرىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1121971
«تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى ئىنتايىن مۇھىم»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆمەر چەلىك ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا ئىتتىپاقداش دېيىلگەن ھامان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ كۆز ئالدىغا دەرھال تۈركىيەنىڭ كېلىشى لازىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئەمما ئامېرىكىلىقلارنىڭ بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىنى <ئىتتىپاقدىشىمىز> دېيىشى تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىشتۇر. دەرۋەقە، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىگە <كوردلارغا چېقىلماڭلار> دېگۈچىلەرنىڭ ھەمىسى ئالدى بىلەن، ئەينەككە قارىشى لازىم، ئاندىن كوردلارغا سالغان زۇلۇم – سىتەملىرىنى خاتىرىلىشى كېرەك. ھەممە شۇنى بىلىشى كېرەككى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رايوندىكى كوردلارنىڭمۇ، ئەرەبلەرنىڭمۇ ۋە تۈركمەنلەرنىڭمۇ دوستىدۇر. تارى بىزگە شۇنى ئىسپاتلاپ بەردىكى، كۆپ ھاللاردا رايون خەلقلىرىنىڭ يېگانە دوستى تۈركىيەدۇر. شۇنى ئۇنتۇماسلىق كېرەككى، كورد قىلدۇرۇشلىرىمىزنى باغرىغا بېسىش مەسىلىسىدە ھېچكىممۇ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىگە ساۋاق بېرەلمەيدۇ، چۈنكى كوردلارنىڭ ئەڭ سەمىمىي ۋە يېگانە دوستى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىدۇر،  تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى ئىنتايىن مۇھىم، شۇڭا بۇ ھەقتە ۋاقىتنى كېچىكتۈرۈشكە، سۆھبەت ئېلىپ بېرىشقا بولمايدۇ، بىر كېچىشى توساتتىنلا <فىرات دەرياسى> نىڭ شەرقىگە ەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشىمىز مۇمكىن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر