ئەردوغان: تۈركىيە خەلقئارالىق مەبلەغ سالغۇچىلارغا نىسبەتەن بىخەتەر پورت بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ خەلقئارالىق مەبلەغ سالغۇچىلارغا نىسبەتەن ئىشەنچلىك بىر پورت بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، مانىسادا 1109 ئادەمگە ئەمگەك پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەن ئىككى خۇسۇسىي ئىگىلىكىدىكى ساھەلەر سېلىنمىسىنى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
يېقىنقى 16 يىلدا تۈركىيەگە بىۋاسىتە سېلىنغان چەت ئەل سېلىنمىسى ئومۇمىي مىقدارىنىڭ 202 مىليارد دوللارغا يەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، شەرقىي جەنۇبىي ئانادولۇ رايونىدىكى ۋىلايەتلەرنىڭمۇ بۇ سېلىنمىلاردىن نېسىۋىسىنى ئالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
2018 - يىلىدىكى168 مىليارد دوللارلىق ئېكسپورت رېكورتىغا ئىشارەت قىلغان ئەردوغان، 2019 – يىلىدىكى نىشاننىڭ 200 مىليارد دوللار ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى. ئۇ، تۈركىيە يېقىنقى 5 -6 يىل ئىچىدە دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى تىلغا ئالدى ۋە ياۋروپانىڭ بۇ مەسىلىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيەسىنى ئەيىبلىدى.
ئەردوغان سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «بەش يىل بۇرۇن سودىگەرلىرىمىزنىڭ دۇكانلىرىنى بولاڭ – تالاڭ قىلغان، ساقچىلىرىمىزغا ئوق چىقارغان، بومبا ئاتقان، كوچىلارغا ئوت قويۇپ ۋەيران قىلغان بۇزغۇچىلارغا قارىتا بىزنى دېموكراتىك بولۇشقا چاقىرغانلار، بۈگۈن تېخىمۇ دار دائىرىلىك ۋەقەلەرگە قارشى ئەتراپنى باشلىرىغا كىيىشمەكتە» دېدى.
تۈركىيەنىڭ خەلقئارالىق مەبلەغ سالغۇچىلارغا نىسبەتەن بىخەتەر پورت بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، دېموكراتىيەدىن، قانۇن دۆلىتىدىن ۋە ئەركىن بازار ئىقتىسادىدىن ۋاز كەچمەستىن تەرەققىيات سەپەرلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.