تۈركىيە ئارمىيەسى شىمالىي ئىراقتا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى
تۈركىيە ئارمىيەسى، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى بىر قاتار جايلاردا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى.
1118519
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى، ئىراقنىڭ شىمالىدا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ پاناھلىنىش ئورۇنلىرى ۋە ئوق – دورا ئىسكىلاتلىرىنى بىتچىت قىلىپ تاشلىدى.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ تۈنۈگۈن ئىراقنىڭ شىمالىدىكى زاپ، مەتىنا، ئاۋاشىن – باسيان ۋە گارا رايونلىرىدا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئىستىھكام، پاناھلىنىش ئورنى، ئۆڭكۈر ۋە ئوق – دورا ئىسكىلاتى قىلىپ ئىشلىتىۋاتقان جايلارنى يوقىتىپ تاشلىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.