ئەردوغان يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى ئېلان قىلدى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بىر يىلنى كەينىدە قالدۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

1116767
ئەردوغان يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان  يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىك سۆزى ئېلان قىلدى. ئۇ: «يېڭى يىلنىڭ ئەزىز خەلقىمىز ۋە پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە خەيرىلىك بولۇشىنى رەببىمدىن تىلەيمەن» دېدى.

ئۇ ئاۋغۇست ئېيىدا باشلانغان پېرېۋوت-ئۆسۈم-پۇل پاخاللىقى ھۇجۇمىنى، تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ كۈچلۈك ئاساسى ۋە يولغا قويۇلغان ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر بىلەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىر تەرەپ قىلغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئېكسپورت ھەجىمىنى ۋە ساياھەتچىلەر سانىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تارىخىمىزدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە چىقاردۇق، قىزىل رەقەمنى يېقىنقى مەزگىلدىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈردۇق. مۇداپىئە سانائىتى ۋە باشقا ئاچقۇچلۇق ساھەلەردە لايىھەلەش، تەتقىق قىلىپ، تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئاشۇرغان ھالدا داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز.»

ئۇ رايوندىكى  يۈز بەرگەن ۋەقە-ھادىسىلەرنىڭ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق قاتارلىق نۇرغۇن مەسىلىلەرنىڭ مەنبەسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «تۈركىيەنىڭ رايوندىكى مەسىلىلىرىنى ھەل قىلماي تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ كېلەچىكىنى كاپالەت ئاستىغا ئالالمايدىغانلىقىدەك ئەمەلىيەت، بىزنى دىپلوماتىيەدە ۋە ئەمەلىيەتتە تېخىمۇ ئاكتىپ سىياسەت يۈرگۈزۈشكە يۈزلەندۈردى. تۈركىيە، سۈرىيە كىرىزىسىدە ئەڭ باشتىن تارتىپ ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە ئەخلاقىي جەھەتتە مەيدانىنى نامايان قىلىپ، ھەر دائىم ئاجىزلارنى، زىيانغا ئۇچرىغۇچىلارنى قوللاپ كەلدى» دېدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ رايوندا ۋە پۈتكۈل دۇنيادا مۇقىملىق، ئادالەت، كەڭ قورساقلىق ۋە تىنچلىق تەرەپتە تۇرۇپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ ئاڭ بىلەن، قۇددۇسنىڭ، دەمەشىقنىڭ، باغدادنىڭ، قاھىرەنىڭ، ترابلۇسنىڭ، سارايېۋۇنىڭ ۋە قىرىمنىڭ ھوقۇقىنى قوغداۋاتىمىز» دېدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ ھېچقانداق دۆلەتنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە، ئىگىلىك ھوقۇقىغا، ھەق-ھوقۇقىغا كۆز تىكمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بىزنىڭ بىردىنبىر غايىمىز: ئۆز خەلقىمىزنى ۋە رايونىمىزدا ياشايدىغان قېرىنداشلىرىمىزنى بىخەتەرلىككە، خاتىرجەملىككە، بىخەتەر بولغان كېلەچەككە ئېرىشتۈرۈشتۇر» دېدى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:

«دۆلىتىمىز رايوندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ تېشىدا قالالمايدۇ، بىراق قۇربانىمۇ بولمايدۇ. باسىدىغان قەدىملىرىمىزنى بۇ ئاڭ بىلەن پىلانلاپ، ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر، بۇ تىرىشچانلىقىمىزنىڭ نەتىجىسى ھېسابلىنىدۇ. ئىراقنىڭ مۇقىملىقىغا ھەسسە قوشۇشنىمۇ داۋاملاشتۇرىمىز. قىبرىس، شەرقىي ئاقدېڭىز ۋە ئەگە دېڭىزىدىكى ھەق-ھوقۇقلىرىمىزنى قوغداش يولىدىكى قەتئىي ئىرادىمىزنى ھەم سىياسىي ساھەدە ھەمدە ئەمەلىيىتىمىزدە كۆرسىتىمىز. ھەممىدىن مۇھىم بولغىنى، ئىنسانىي مەيدانىمىز بىلەن دۇنياغا ئۈلگە بولىمىز.»

ئۇ: «تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا كۆز ئاچقۇزمىغان، تېررورىزمغا زەربە بېرىشتە تارىخىمىزدىكى ئەڭ چوڭ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بىر يىلنى ئارقىدا قالدۇردۇق. خەۋپسىزلىك تارماقلىرىمىز، تاغلاردا ياكى شەھەرلەردە بولسۇن ۋە ياكى چېگرا سىرتىدا بولسۇن تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇۋىلىرىغا كىرىپ، تېررورىستلارنى يوقاتماقتا» دېدى.

ئۇ ئاخىرىدا: «بۇ تۇيغۇرلار بىلەن يەنە بىر قېتىم 2019-يىلنىڭ، دۆلىتىمىز، خەلقىمىز، رايوندىكى قېرىنداشلىرىمىز ۋە پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۈچۈن، تىنچلىق، خاتىرجەملىك، سالامەتلىك، بىخەتەرلىك ۋە پاراۋانلىق كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. سالامەت بولۇڭلار» دېدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر