پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خان تۈركىيەنى زىيارەت قىلىدۇ

پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خاننىڭ يانۋار ئېيىنىڭ 3-4-كۈنلىرى رەسمىي دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن تۈركىيەگە كېلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1116505
پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خان تۈركىيەنى زىيارەت قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىمران خاننىڭ تۈزركىيە زىيارىتى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى. باياناتىتا، باش مىنىستىر ئىمران خاننىڭ يېڭى يىل (2019) نىڭ تۇنجى ھەپتىسىدە تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، تۈركىيەدە رەسمىي دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، باش مىنىستىر ئىمران خانغا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شاھ مەھمۇت قۇرەيشى، پىلانلاش مىنىستىرى مەخدۇم خۇسرو باختيار ۋە ئىمران خاننىڭ سودا-سېلىنما مەسلىھەتچىسى ئابدۇل رازاق داۋۇد قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ھەيئەتنىڭ ھەمراھ بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

زىيارەت جەريانىدا، ئىمران خاننىڭ تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى؛ كۆرۈشۈشتە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدىن باشقا، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق ۋەزىيەتنىڭ مۇھاكىمە قىلىنىدىغانلىقى، باش مىنىستىر ئىمران خاننىڭ ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان سودا مۇنبىرىدە سۆز قىلىدىغانلىقى ۋە تۈرك سودا-سانائەتچىلەر ھەمدە مەبلەغ سالغۇچىلار بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى:

«پاكىستان بىلەن تۈركىيە، ئۆتمۈشى بىر قانچە يۈز يىللارغا تايانغان، ئورتاق دىن ۋە مەدەنىي مىراس ئۈستىگە قۇرۇلغان تارىخىي ۋە تەڭداشسىز رىشتىلەرنىڭ خۇشاللىقىنى ياشىماقتا. ئىككى دۆلەتنىڭ ئەڭ ياخشى سەۋىيەدە ۋە ئۆتكەن ھەر بىر يىلدا بارغانسېرى كۈچىيىپ داۋاملىشىۋاتقان سىياسىي، ئىقتىسادىي، مۇداپىئەگە مۇناسىۋەتلىك مەدەنىي ۋە خەلقلەر ئارا مۇناسىۋەتلىرى بار. باش مىنىستىرنىڭ تۈركىيەگە يېقىنلاشقان زىيارىتى، ئىككى قېرىنداش دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەتلىرى ۋە خەلقلىرى ئارىسىدىكى تارىخىي رىشتىلەرنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى، بۇ قېتىمقى زىيارەت ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا،  بولۇپمۇ ئىقتىسادىي ۋە سودا مۇناسىۋەتلىرى ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك ھەمكارلىق ۋە بىرلىكتە تىرىشىش مەسىلىسىدە، يېڭى ساھەلەرنىڭ ئېچىلىشىغا ياردەمدە بولىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر