چاۋۇشئوغلۇ، لاۋروۋ، جۇبەير ۋە پومپېيو قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشتى

ئامېرىكنىڭ سۈرىيەدىن چېكىنىش قارارىدىن كېيىن دىپلوماتىك ئالاقىلەرنىڭ سۈرئىتى ئاشتى.

1116415
چاۋۇشئوغلۇ، لاۋروۋ، جۇبەير ۋە پومپېيو قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈرك – رۇس ھەيئەتلىرىنىڭ رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدا ئۆتكۈزگەن سۈرىيە تېمىلىق سۆھبىتىدىن كېيىن رۇسىيەلىك مەنسەپدېشى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن كۆرۈشكەن دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، دىپلوماتىك خىزمەتلىرىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا.

چاۋۇشئوغلۇ، ئالدى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئادىل ئەلجۇبەير بىلەن، ئارقىدىن ئامېرىكىلىق مەنسەپدېشى مايك پومپېيو بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

تېلېفون سۆھبەتلىرىدە، سۈرىيە زېمىنلىرىدىن تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى تازىلاش جەھەتتە ئورتاق ئىرادىنىڭ نامايان قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر