چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ سۈرىيەدىن چېكىنىش قارارى ئۈستىدە توختالدى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ سۈرىيەدىن چېكىنىش قارارىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1111311
چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ سۈرىيەدىن چېكىنىش قارارى ئۈستىدە توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ زىيارەتتە بولۇۋاتقان مالتادا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ چېكىنىش مۇساپىسىدە كوردىناتسىيەنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ۋە سۈرىيەدە بوشلۇق پەيدا بولۇشىغا رۇخسەت قىلىنماسلىقى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ: «ئۇزۇن ۋاقىتتىن بېرى دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتىمىز. ئامېرىكانىڭ چېكىنىشىدە كوردىناتسىيە مۇھىم» دېدى.

ئۇ: «دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەش قىلىش ئۈچۈن يەنە بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن پايدىلانماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغان ئىدۇق. سۈرىيەدە ي پ گ|پ ك ك غا ئوخشاش بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ھەر قانداق ھەرىكەت زېمىنى بېرىلمەسلىكى كېرەك» دېدى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ سۈرىيەدە بۇ نۇقتىدىن كېيىن، سىياسىي مۇساپىغا دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ: «سۈرىيە ئۈچۈن ئاساسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ 2019-يىلنىڭ بېشىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىنى، مەسىلىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن مۇھىمدۇر» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر