ئامېرىكا قوماندانى تۈركىيەدىن كەچۈرۈم سورىدى

پولكاۋنىك سېن رىيان تۈركىيە ئارمىيەسىگە ھاقارەت قىلغان پ ك ك نى قوللىغۇچى بىر ھېسابنىڭ ئۇچۇرىنى ھەمبەھىرلەشكەن ئىدى.

1108998
ئامېرىكا قوماندانى تۈركىيەدىن كەچۈرۈم سورىدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىجتىمائىي تاراتقۇدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نى قوللايدىغان ۋە تۈركىيەگە ھاقارەت قىلىشى ئاز ئىچىگە ئالغان بىر ئۇچۇرنى ھەمبەھرىلەشكەن ئامېرىكا رەھبەرلىكىدىكى دائېشقا قارشى ئىتتىپاقداش قىسىم باياناتچىسى پولكاۋنىك سېن رىيان تۈركىيە مەسئۇللىرى نارازىلىق بىلدۈرگەندىن كېيىن كەچۈرۈم سورىدى.

پولكاۋنىك سېن رىيان تۈركىيە ئارمىيەسىگە ھاقارەت قىلغان پ ك ك نى قوللىغۇچى بىر ھېسابنىڭ ئۇچۇرىنى ھەمبەھىرلەشكەن ئىدى.

دېپلوماتىك مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارغا كۆرە، سېن رىيان ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا مەزكۇر شەرمەندىچىلەرچە ئۇچۇرنى ئۆچۈرۈپ تاشلاپ، تۈركىيە مەسئۇللىرى بۇ ئىشقا مۇداخىلە قىلغاندىن كېيىن كەچۈرۈم سورىغان. 

پولكاۋنىك سېن رىيان ئىتتىپاقداش قىسىملارنىڭ رەسمىي تىۋىتتېر ھېسابىدىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، «رەسمىي ۋەزىپەم تۇرۇغلۇق ئىتتىپاقدىشىمىز ۋە دائېشنىڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىلىشىدا ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدىغان شېرىكىمىز بولغان تۈركىيەگە قارىتا ھاقارەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ئۇچۇرنى خاتا ھالدا ھەمبەھىرلىشىپ قالدىم. قەستەن ھۆرمەتسىزلىك قىلىشنى ئويلىغىنىم يوق. بىخەتەرلىك جەھەتتە ئورتاق ۋەزىپىلىرىمىز بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە دائېشنى مەغلۇپ قىلىش نىشانىغا تەڭ باغلىقمىز. ئۆتۈنۈپ قالاي، سورىغان كەچۈرۈمىمنى قوبۇل قىلىڭلار» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر