چاۋۇشئوغلۇ خەلقئارا مۇساپىرلار كېلىشىمى توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، خەلقئارا مۇساپىرلار كېلىشىمىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى توغرىسىدا توختىلىپ، «بۇ كېلىشىم، مۇساپىرلارنىڭ مەسىلىلىرىگە ئەتراپلىق چارە تېپىش يولىدا تاشلانغان مۇھىم بىر يەرشارى خاراكتېرلىك قەدەمدۇر» دېدى.

1109003
چاۋۇشئوغلۇ خەلقئارا مۇساپىرلار كېلىشىمى توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، خەلقئارا مۇساپىرلار كېلىشىمىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىدىن كېيىن ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقى تەرىپىدىن ب د ت مەركىزىي بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتكە سىن كۆرۈنۈشلۈك تېلېگرامما يوللىدى. ئۇ تېلېگراممىسىدا، «ئەپسۇسكى، خەلقئارا جەمئىيەت بۈگۈنگىچە مۇساپىرلارغا ۋە يۇرت – ماكانىدىن مەھرۇن قىلىنغان كىشىلەرگە ياردەم قىلىش يولىدا تېگىشلىك كۈچ سەرپ قىلمىدى. بۇ كىشىلەر ئازاب چېكىشنى داۋاملاشتۇرماقتا، بىراق، ئازاب ئۇلارنىڭ قىسمىتى بولۇپ قالماسلىقى، تىنچلىق ئىچىدە ئىززەت – ھۆرمىتى بىلەن ياشىيالىشى كېرەك. مۇساپىرلارنىڭ ئاساسلىق ئېھتىياجلىرىنى قامدىشىمىز ۋە ئۇلارنى مائارىپ، سەھىيە ۋە خىزمەت مۇھىتى يارىتىپ بېرىشىمىز لازىم. مۇساپىرلارغا ساھىبخانلىق قىلغان دۆلەتلەرنىڭ ۋە جەمئىيەتلەرنىڭ دەرھال قوللاپ – قۇۋۋەتلىنىشكە ئېھتىياجى بار» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.

مائارىپنىڭ ئەھمىيىتىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن ۋە تۈركىيەدە مائارىپنىڭ بىرىنچى ئورۇندىكى بىر ساھە ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان چاۋۇشئوغلۇ، بىر ئەۋلادنىڭ يوقاپ كەتمەسلىكى ۋە مۇساپىرلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە تېخىمۇ ياخشى كېلەچەك يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك تىرىشچانلىقنى كۆرسىتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «خەلقئارا مۇساپىرلار كېلىشىمى بىر پۇرسەت ۋە خەلقئارا جەمئىيەت ئەمدى بىكار تۇرماسلىقى لازىم. ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەرىكەتكە ئۆتۈشىمىز كېرەك» دېدى.

كېلىشىمنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنىڭ كۇپايە قىلمايدىغانلىقىنى، تەتبىقلىنىشىنىڭ ھەممىدىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن چاۋۇشئوغلۇ، بارلىق تەرەپلەرنىڭ دەرھال يۈك ۋە مەسئۇلىيەتلەرنى ئورتاقلىشىشىنىڭ پەيتىنىڭ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ، ئالدىمىزدىكى يىلى چاقىرىلىدىغان دۇنيا مۇساپىرلار مۇنبىرى يىغىنىدا كونكېرت لايىھەلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى لازىملىقىنى تەكىتلەپ، 4 مىليوندىن ئارتۇق يۇرت – ماكانىدىن مەھرۇم قىلىنغان كىشىگە ساھىبخانلىق قىلىۋاتقان ۋە سۈرىيەلىكلەرگە 33 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق پۇل سەرپ قىلغان تۈركىيەنىڭ، تەييارلىق باسقۇچىدىكىگە ئوخشاشلا كېلىشىمنىڭ ئىجرا قىلىنىشى مۇساپىسىگىمۇ ھەمدەم بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مۇساپىرلار ۋە مۇساپىرلارغا ساھىبخانلىق قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن يۈك ئورتاقلىشىشنىڭ تېخىمۇ ئادىل بولۇشىنى مەزمۇن قىلغان، مۇساپىرلار مەسىلىسىگە دۇنياۋى نۇقتىدىن قارىغان خەلقئارا مۇساپىرلار كېلىشىمى تۈنۈگۈن ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە قوبۇل قىلىندى.

181 دۆلەت قوللاپ بېلەت تاشلىغان كېلىشىمگە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ۋېنگىرىيە قارشى چىقتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر