گۈلەر ئامېرىكا باش ئىشتاب باشلىقى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال جوزېف دۇنفورد تۈركىيە باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال ياشار گۈلەر بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1106832
گۈلەر ئامېرىكا باش ئىشتاب باشلىقى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باش ئىشتاب باشقارمىسىنىڭ باياناتچىسى پولكوۋنىك پاترىك رىدېر بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ئىككى قومانداننىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىدىكى ئەندىشىلىرىگە جاۋاب سۈپىتىدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تەرىپىدىن سۈرىيەنىڭ شىمالىي چېگرا رايونلىرىغا قۇرۇلىدىغان كۆزىنىش نۇقتىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۆزئارا بىخەتەرلىك مەنپەئەتلىرى مۇزاكىرە قىلىندى. دۇنفورد گۈلەرگە، كۆزىتىش نۇقتىلىرىنىڭ تۈركىيەگە سۈرىيەدىن كەلگۈسى ھەرقانداق بىر تەھدىتنى بىر تەرەپ قىلىشنى نىشان قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سۈرىيەنىڭ شىمالىدا مۇقىملىق ئورنىتىشنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تۈركىيە بىلەن ھەمكارلشىشىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ئىتتىپاقداشلاردىن بولغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن تۈركىيە ناھايىتى ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغان دوستانە ھەم كۈچلۈك مۇناسىۋەتلەرگە ئىگە.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىلگىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جەيمس ماتتىس تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان سۈرىيە بىلەن تۈركىيە چېگراسىدا كۆزىتىش نۇقتىلىرى قۇرۇشقا باشلىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇرغان، لېكىن، بۇ كۆزىتىش نۇقتىلىرىنىڭ سانى ۋە ئورنى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر