ئەردوغان: سۈرىيەدە «فىرات دەرياسى» نىڭ شەرقىگە ھەربىي ھەرىكەت باشلىنىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سۈرىيەدە «فىرات دەرياسى» نىڭ شەرقىدىكى تېررورلۇق نىشانلىرىغا بىرقانچە كۈن ئىچىدە ھەربىي ھەرىكەت باشلىنىدىغانلقىنى ئېيتتى.

1105536
ئەردوغان: سۈرىيەدە «فىرات دەرياسى» نىڭ شەرقىگە ھەربىي ھەرىكەت باشلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى قۇرۇلتاي ۋە مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن «دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتى» يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «سۈرىيەنىڭ شىمالىي قىسمى بىزنىڭ جەنۇبىي چېگرا رايونلىرىمىز ھېسابلىنىدۇ. بەزىلەت بۇ رايونلاردا تېررورچىلار كارىدورى شەكىللەندۈرمەكچى بولۇۋاتىدۇ، بىز  بۇلارنى تېررورچى دەۋاتىمىز، ئەمما ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھىمىز بولغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى كۈچلەر <بۇلار تېررورچى ئەمەس> دەۋاتىدۇ. بۇلار بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ گۇماشتىلىرى بولۇپ، دەلىل – ئىسپاتلار ھەممىگە ئايان. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى  بىز بىلەن ھەرىكەت قىلىشنىڭ ئورنىغا، سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  ي پ گ/پ ك ك بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ،  مۇنبىچ رايونىدىكى ئورتاق پائالىيەتلىرىمىزدىنمۇ نەتىجە ئالالمىدۇق، پىرېزىدېنت ترامپ دائېش ئۇنسۇرلىرىنى 30 كۈن ئىچىدە تازىلايمىز دەۋاتىدۇ، قارايمىز، شۇنداق بولۇشىنى تىلەيمىز. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇنبىچنى ي پ گ / پ ك ك ئۇنسۇرلىرىدىن تازىلاش مەسىلىسىدە ئالداش تاكتىكىسىنى ئىشلىتىۋاتىدۇ، ئامېرىكا دائىرىلىرى بىزگە ۋەدە بەرگەن بولۇشىغا قارىماي، دائېشقا قارشى ئۇرۇشنى باھانە قىلىپ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنى ساھەگە يوللاۋاتىدۇ. يەنە شۇنىمۇ تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، ئامېرىكا يېقىندا 30 مىڭ تېررورچىنى تەربىيەلەش ئۈچۈن قەدەم تاشلاشقا باشلىدى. پۈتكۈل خەلقئارالىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا خەۋەر قىلىنىۋاتقان بولۇشىغا قارىماي، ئامېرىكا دائىرىلىرى بۇ ئوچۇق ھەقىقەتنى  ئىنكار قىلىۋاتىدۇ. ئامېرىكا يا بىز تەرەپتە تۇرۇشى، ياكى تېررورچىلار تەرەپتە تۇرۇشى كېرەك. بۇ ئارىلىقتا، <فىرات دەرياسى> نىڭ شەرقىي قىسمى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش تەييارلىقلىرىنمىزنىمۇ تاماملىدۇق. سۈرىيەدە <دائېش> دېگەندەك بىر تەھدىت قالمىدى، بۇ بىزگە نىسبەتەن بىر مەسەلدىن باشقا نەرسە ئەمەس، باشتىمۇ تەكىتلەپ ئۆتكىنىمدەك، بۇ يەردىكى تەھدىتنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن بىرقانچە كۈن ئىچىدە ھەربىي ھەرىكەت باشلايمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر