سۈلەيمان سويلۇ ماراكەشتە كۆچ كونفېرانسىغا قاتناشتى
تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلەيمان سويلۇ دۇنيا كۆچ كېلىشىمى خەلقئارالىق كونفېرانسىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن ماراكەشكە يېتىپ باردى.
1103814

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلەيمان سويلۇ ماراكەشتە دۇنيا كۆچ كېلىشىمى خەلقئارالىق كونفېرانسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، ب د ت باش كاتىپى گۇتېرس بىلەن كۆرۈشتى.
ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلەيمان سويلۇ ب د ت باش كاتىپى گۇتېرسقا تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ سالىمىنى يەتكۈزدى. ئارقىدىن خەلقئارا كۆچ تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى ئانتونىيو ۋىتورىنو ۋە خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتى دىرېكتورى ەاي ريدېر بىلەن كۆرۈشتى.