يىلدىرىم ئامېرىكىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى  بىنالى يىلدىرىم ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د/ي پ گ  گە ياردەم بېرىشىگە ئىراندا نارازىلىق بىلدۈردى.

1103023
يىلدىرىم ئامېرىكىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىنالى يىلدىرىم تېھراندا چاقىرىلغان «تېررورىزمغا قارشى  كۈرەش ۋە رايونلۇق  ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىش» تېمىلىق 2 – نۆۋەتلىك پارلامېنت باشلىقلىرى يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د/ي پ گ گە ياردەم بېرىشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى  كۈرەش قىلىش ئۈچۈن باشقا بىر تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلىشىش قانداقمۇ ئەقىلغە سىغىدۇ؟»

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى يىغىننىڭ ئېچىلىشىدا قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ دۆلىتىگە قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان ئېمبارگولىرىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زارىف يىغىن ھارپىسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى رايون دۆلەتلىرىگە ئېھتىياجتىن ئارتۇق قورال - ياراغ ساتتى، بۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ رايونغا قارىتا يولغا قويۇۋاتقان سىياسىتىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە خەۋپلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، شۇ ۋەجىدىن، رايوندا تىنچلىق ئورنىتىلىشى ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە، رايون كۈندىن – كۈنگە ۋەيران بولۇۋاتىدۇ. ۋاشىنگتون تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن رايونغا ناھايىتى كۆپ قورال – ياراغلارنى ئەۋەتىۋاتىدۇ، بۇ قورال – ياراغلار يەمەندە ئەلقائىدەنىڭ، سۈرىيەدە دائېشنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ. بۇنى بىز ياۋروپا گېزىتلىرىدىن ئوقۇۋاتىمىز، بۇ ئەھۋال بىخەتەرلىكىمىزگە داۋاملىق تەھدىت شەكىللەندۈرمەكتە.»

تۈركىيە، ئىران، رۇسىيە، خىتاي، پاكىستان ۋە ئافغانىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنت باشلىقلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا تېھراندا چاقىرىلغان يىغىندا، ئىران، رۇسىيە ۋە تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدىكى  ئۈنۈملۈك پائالىيەتلىرىنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر