تۈركىيە ئارمىيەسى چېگرا سىرتىدىكى پ ك ك تېررورچىلىرىغا زەربە بەردى

تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىدا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ، بىر تۈركۈم پ ك ك تېررورچىلىرىنى ئۇجۇقتۇردى.

1102175
تۈركىيە ئارمىيەسى چېگرا سىرتىدىكى پ ك ك تېررورچىلىرىغا زەربە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىدا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، ھەربىي بازىلارغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ 8 ئەزاسىنى بىر تەرەپ قىلدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش قوماندانلىق ئىشتابى بايانات بېرىپ، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى سىنات – ھافتانىن، مەتىنا ۋە خاكۇرك رايونلىرىدا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ھەربىي بازىلارغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان 8 تېررورچىسىنى بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى، بۇنىڭدىن باشقا تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئۆڭكۈر ۋە پاناھلىنىش ئورۇنلىرىنى بىتچىت قىلىپ تاشلىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر