تۈركىيە ئافرىندا ھەقسىز داۋالاش مەركىزى ئاچتى

تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى، سۈرىيەنىڭ ئافرىن ناھىيەسىنىڭ راجۇ بازىرىدا ھەقسىز داۋالاش مۇلازىمىتى سۇنىدىغان سەھىيە مەركىزى ئاچتى.

1100972
تۈركىيە ئافرىندا ھەقسىز داۋالاش مەركىزى ئاچتى
racu saglik merkezi2.jpg
racu saglik merkezi1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەركەزدە ئىچكى، تاشقى، ئاياللار ۋە بالىلار كېسەللىكلىرى بۆلۈملىرى بىلەن بىرگە قان تەكشۈرۈش ئورنى ۋە دورىخانىمۇ بار. دورىلار ھەقسىز بېرىلىدىغان مەزكۇر داۋالاش مەركىزى سايىسىدا، راجۇلۇقلار سەھىيە ساھەسىدىكى قىيىنچىلىقلىرىنى ئافرىنغا بارمايلا ھەل قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى.

سەھىيە مەركىزىنىڭ مۇدىرى سەئىد ئەھمەد، راجۇدىن ئافرىنغا بېرىشنىڭ قيىن ئىكەنلىكىنى، نۆۋەتتە بازار ئاھالىسىنىڭ ئەركىن – ئازادە ھالدا داۋالىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ، مەركەزنىڭ بارلىق تارماقلىرىنىڭ ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە ۋە سەھىيە مىنىستىرلىكىگە رەھمەت ئېيتىمىز. راجۇدا ياشايدىغانلارنى بۇ مۇشەققەتتىن قۇتۇلدۇردى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر