يىلدىرىم: تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ ئىستىراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى ناھايىتى زور

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى  بىنالى يىلدىرىم ئاسىيانىڭ شەرقىدىكى خىتاي بىلەن غەربىدىكى تۈركىيەنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك ئەھمىيىتىنىڭ ناھايىتى زورلۇقىنى ئېيتتى.

1100234
يىلدىرىم: تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ ئىستىراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى ناھايىتى زور

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي زىيارىتى دائىرىسىدە بېيجىڭدا ئۇچرىشىشلاردا بولغان  بىنالى يىلدىرىم جوڭنەنخەي مېھمانسارىيىدا خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ بىلەن كۆرۈشكەندە، مۇنداق دېدى: «تارىخىي  يېپەك يولى بويىدىكى ئاسىيانى شەرق تەرەپتىن  ياۋروپانىڭ مەركىزىگە تۇتاشتۇرىدىغان ئۆتۈش ئېغىزىغا جايلاشقان خىتاي بىلەن تۈركىيەنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى ناھايىتى زوردۇر. خىتاينى بىز ئىستىراتېگىيەلىك دوست دۆلەت دەپ بىلىمىز.»

خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ خىتاي بىلەن تۈركىيەنىڭ بارغانسېرى قۇدرەت تېپىۋاتقان ئىككى ئىقتىسادىي كۈچ ۋە مۇھىم ھەمراھ دۆلەتلەردىن ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «خىتاي تەرەپ تۈركىيە تەرەپ بىلەن ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ۋە پايدا يەتكۈزۈش ئاساسىدا ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا، ھەر ساھەدە، ھەر سەۋىيەدە ئۇچۇر - ئالاقە ئورنىتىشقا تەيياردۇر.»

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى  بىنالى يىلدىرىم تۈنۈگۈن خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ بىلەن كۆرۈشكەنىدى.

 يىلدىرىم ئەتىمۇ يەنە شەنشى ئۆلكىلىك  خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى خۇ خېپىڭ بىلەن بىر يەرگە جەم بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر