ئەردوغان كاراكاستا قىزغىن كۈتۈۋېلىندى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پاراگۋاي زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ۋېنېزۇئېلا پايتەختى كاراكاسقا يېتىپ كەلدى.

1099145
ئەردوغان كاراكاستا قىزغىن كۈتۈۋېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كاراكاس سىمون بولىۋار ئايرودۇرۇمىدا، ۋېنېزۇئېلا مۇئاۋىن پىرېزىدېنيى دېلكى رودرىگۇۋېز، مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جورج ئاررېيزا، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋلادىمىر پادرىنو، تۈركىيەنىڭ كاراكاستا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شەۋكى مۈتەۋەللىئوغلۇ ۋە ۋېنېزۇئېلانىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جوس براچو رېيېس تەرىپىدىن قىزغىن كۈتۈۋېلىندى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا، رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان، ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى فاتىھ دۆنمەز، مالىيە مىنىستىرى بەرات ئالبايراك، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار ۋە سودا مىنىستىرى رۇھسار پەكجان قاتارلىق كىشىلەر ھەمراھ بولماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر