ئەمىنە ئەردوغان 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ رەپىقىلىرى بىلەن بىللە

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان ئارگېنتىنادا چاقىرىلغان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ رەھەرلىرىنىڭ شەرىپىگە بېرىلگەن زىياپەتكە ئىشتىراك قىلدى.

1098495
ئەمىنە ئەردوغان 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ رەپىقىلىرى بىلەن بىللە
emine erdogan-juliana awada.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەمىنە ئەردوغاننى زىياپتتە ئارگېنتىنا پىرېزىدېنتى مائۇرىكىئۇ ماكرىنىڭ رەپىقىسى جۇلىئانا ئاۋادا قىزغىن قارشى ئالدى.

ئاۋائادانىڭ ساھىبخانىلىقىدا بېرىلگەن زىياپەتكە، ئەمىنە ئەردوغاندىن سىرت يەنە، كانادا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، جەنۇبىي كورېيە، فىرانسىيە، ھىندونېزىيە، ياپونىيە، سىنگاپور، خىتاي، مېكسىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرىنىڭ رەپىقىلىرى بىلەن بەزى خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ باشلىقلىرىنىڭ رەپىقىلىرىمۇ قاتناشتى.

ئارگېنتىنانىڭ ئاياللار بىرلىكىنىڭ قۇرغۇچىسى يازغۇچى ۋىكتورىئا ئوكامپونىڭ  مۇزېي ئۆيىدە بېرىلگەن زىياپەتتە، رەھبەرلەرنىڭ رەپىقىلىرى سەمىمىي سۆھبەتلەشتى، ئاندىن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر