ئەردوغان: ب د ت  قۇرۇلمىسىدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش شەرت

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلمىسىدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1096552
ئەردوغان: ب د ت  قۇرۇلمىسىدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش شەرت

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان   ئىقتىسادىي ۋە ھەمكارلىق دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا، كومىتېتنىڭ باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا سالام بەرگەن ۋە ئۇلارنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەندىن كېيىن  قىلغان سۆزىدە، مۇنداق دېدى: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بولۇپمۇ دائىمىي ئەزالارنىڭ مەنپەئەنى قوغدايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتىم. 5 دائىمىي ئەزادىن بىرەرسى نېمە دېسە قالغانلىرىمۇ شۇنداق قىلىشقا مەھكۇمدۇر. جۈملىدىن، مەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ سومالىدىكى قارنى ئاچ بالىلارنى قۇتۇبلاردىكى بىنالارنىڭ سانىچىلكمۇ ئويلاپ قويمايدىغانلىقىغا شاھىت بولدۇم.  خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ پۇل، نېفىت، ئالماسنىڭ سىرتىدا باشقا ئىشلارغا ئانچە كۆڭۈل بۆلمەيدىغانلىقى ھەممىگە ئايان. نۆۋەتتە بىز بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى دۇنيادا ياشاۋاتقىنىمىز يوق، يېڭى بىر دۇنيا قۇرۇلدى، خەۋپسىزلىك كېڭىشى  5 دائىمىي ئەزاسى بىلەن، 15 ۋاقىتلىق ئەزاسى بىلەن ھېچكىمنى ئالدىمىسۇن. دەرۋەقە، 15 ۋاقىتلىق ئەزانىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە قىلچە ئەھمىيىتىمۇ يوق، چۈنكى ھەممە ئىش 5 دائىمىي ئەزانىڭ ئاغزىغا قاراشلىقتۇر. شۇڭا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلمىسىدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش شەرتتۇر. ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىقتىسادىي ۋە ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن سودا ئومۇمىي سوممىمىزنى قانچە ئاشۇرساق شۇنچە قۇدرەت تاپىمىز، ئۆزئارا سودا ئىشلىرىدا مىللىي پۇل بىرلىكلىرىمىزنى ئىشلىتىشىمىز، جاھانگىرلارنىڭ سۇيىقەستلىك پىلانلىرىنى بىتچىت قىلىشىمىز جەھەتتىن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يەنە، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى  كۈرەشنى باھانە قىلىپ، رايوندا يېڭى بىر تېررورلۇق دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئەسلا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «سۈرىيە كىرىزىسىنى باشقىلار ئەمەس، بىز ھەل قىلىمىز، بېرلىندىن پارىژغىچە، بىريۇسسېلدىن موسكۋاغىچە قەيەردە بولسا بولسۇن، تېررورچىلارنىڭ مەسۇم كىشىلەرنى ئۆلتۈرۈشىگە بىز تاقابىل تۇرىمىز. پۇقرالىرىمىزنى قۇددۇسنى زىيارەت قىلىشىنى تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق، ئىشغالچىلارنىڭ قۇددۇسنىڭ چىراغلىرىنى ئۆچۈرۈشىنىڭ ئالدىنى ئالىمىز. فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى، پ ك ك، ئەلقائىدە، ئەششەباب قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ئارقىلىق كېلەچىكىمىزنى ۋەيران قىلىش پىلانىنى بۇزۇپ تاشلايمىز، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى  كۈرەشنى باھانە قىلىپ، رايوندا يېڭى بىر تېررورلۇق دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئەسلا يول قويمايمىز، زۇلۇم ۋە ئادالەتسىزلىككە قارشى ئالدى بىلەن بىز قارشى چىقىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر