تۈركىيە خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلار تىزىملىكىدىكى بىر تېررورچىنى ئۇجۇقتۇردى

تۈركىيە ئارمىيەسى، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى زاپ رايونىدا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، 6 تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى.

1096389
تۈركىيە خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلار تىزىملىكىدىكى بىر تېررورچىنى ئۇجۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش قوماندانلىق ئىشتابى بايانات بېرىپ، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى زاپ رايونىدا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئىستىھكام، پاناھلىنىش ئورنى ۋە ئوق – دورا ئىسكىلاتلىرىنى يوقىتىپ تاشلىغانلىقىنى، ھەربىي بازىلارغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان 6 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئىسمى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان تېررورچىلار تىزىملىكىنىڭ «كۈلرەڭ كاتېگورىيەسى» گە كىرگۈزۈلگەن ئاتالمىش ئەرزۇرۇم ئۆلكىسى شەرق كۈچى مەسئۇلى زىنار ئەھمەد تەخەللۇسلۇق پ ك ك ئەزاسى ئەلى ئاقباش ئۇجۇقتۇرۇلدى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، پ ك ك / ك ج ك تېررورلۇق تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى دائىرىسىدە مۇشنىڭ مالازگىرت تاتارغازى يېزىسىدا ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە ئىككى تېررورچىنىڭ ئۆلۈك ھالەتتە قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى، بۇلاردىن بىرىنىڭ  «تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان تېررورچىلار تىزىملىكى» نىڭ بېشىغا 300 مىڭ لىرا مۇكاپات قويۇلغان كۈلرەڭ كاتېگورىيەدىكى ئاتالمىش ئەرزۇرۇم ئۆلكىسى شەرق كۈچى مەسئۇلى زىنار ئەھمەد تەخەللۇسلۇق پ ك ك ئەزاسى ئەلى ئاقباش ئىكەنلىكىنى ئېنىقلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە يەنە، بىر دانە م-16 تىپلىق مىلتىق، بىر دانە كالاشنىكوف ۋە كۆپ ساندا ئوق قولغا چۈشۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر